يىېمەكلىكلەر

لىمفا سىستېمىسىنى قوغداشقا پايدىلىق بەش خىل يېمەكلىك

لىمفا سىستېمىسى ئادەم بەدىنىنىڭ مۇھىم بولغان مۇداپىئە سىستېمىسىدۇر. ئۇ ئادەم بەدىنىگە كىرگەن يات ماددىلار ۋە باكتېرىيەلەرنى تازىلايدۇ، ياخشى بولغان لىمفا سۇيۇقلۇقى بەدەننىڭ زەھەر قايتۇرۇشىغا ۋە ئورگانىزمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، زادى قانداق قىلغاندا لىمفانى قوغداپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ مۇھىمى تۇرمۇشتا كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلىش كېرەك.

031616122449800016973082

1. مول بولغان ۋىتامىن A تولۇقلاش
ۋىتامىن Aنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ئىپتېلىيە توقۇلمىلىرىنىڭ نورمال قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى غىدىقلاشتىن ئىبارەت. شۇڭا سەۋزە، ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى، كاۋا، پالەك قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

0318093920644000000000000153

2. ئاقسىل تولۇقلاش
كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېتەرلىك ھالدا ئاقسىل تولۇقلاش ئۈچۈن سۈت، تۇخۇم، گۆش، بېلىق، دۇفۇ ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. شۇنداقلا ئۈچ ۋاق تاماقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنلۈك ئاقسىل قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

031616191416400016973082

3. ۋىتامىن C تۇلۇقلاش
ۋىتامىن Cنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ خىل فىزىئولوگىيىلىك جەريانلارغا قاتنىشىدۇ، شۇڭا لىمفا كېسەللىكلىرى بىمارلىرى يازلىق يېسىۋېلەك، كاۋا، كەرەپشە، قىچا قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا لىمون، ئاپلېسىن، چىلان قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

0318093853879000000000000153

4. گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرى بولغان يېمەكلىكلەر
گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك، مەسىلەن كاللەكبەسەي، تاتلىقياڭيۇ، كۆممىقوناق، بۇغداي ئۇنى، كاۋا، پەمىدۇر، ئاچچىق كاۋا، موگو، قارا ئۆرۈك، ئۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرى مول بولۇپ، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرغاندا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئېنزىملىرىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە.

031616253455400016973082

5. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەر
موگۇ، پۇراقلىق موگۇ، نىلۇپەر ئۇرۇقى، قېرىنقۇلاق قاتارلىق ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەر ئارقىلىق لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى كۈچەيتكۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى