ساغلاملىق بىلىملىرى

قاتتىق ئاغرىسا زادى قانچىلىك ئاغرىيدۇ؟

 

ئەگەر ھاياتىمىز «ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە زىيانلىق» مۇھىت ئاستىدا تۇرغاندا، ئەگەر ئاغرىق سېزىمى بولمىسا، ئادەم ھېچنېمىنى بىلمەي قالىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خەتەر جانغا زامىن بولىدۇ. شۇڭا ئاغرىش ھاياتلىقنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئاغرىق زىيانلىق غىدىقلاش مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ئۇنى بالدۇرراق بايقاپ داۋالاشتىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى.

ئاغرىق بىر خىل سۇبيېكتىپ تۇيغۇ، يەنى چوڭ مېڭىدىن كەلگەن تۇيغۇ. شۇڭا كىشىلەر جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان ھەقىقىي ئاغرىققا دۇچ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى روھىي جەھەتتىكى ئاغرىشقىمۇ دۇچ كېلىدۇ. لېكىن بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز جىسمانىي جەھەتتىكى زەخىملىنىش خاراكتېرلىك ئاغرىشتىن ئىبارەت.

031512540480200010953168

ئاغرىقنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمى

ئاغرىق تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭ پىرىنسىپى قوغداش خاراكتېرلىك مېخانىزم. ئاغرىقنى ھېس قىلىش چوڭ مېڭىدە پەيدا بولىدۇ، لېكىن ئۇچۇرلارنى ساقلاشنى ئادەم بەدىنىگە كەڭ تارقالغان ئاغرىقنى سەزگۈچى سېزىم قوبۇللىغۇچىلار تاماملايدۇ. زەخىملىنىش خاراكتېرلىك ئاغرىقنى سەزگۈچى ئەزالار ئومۇمەن ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

1. ئىسسىق غىدىقلاشنى سەزگۈچى سېزىم قوبۇللىغۇچ؛

2. مېخانىكىلىق غىدىقلاشنى سەزگۈچى سېزىم قوبۇللىغۇچ؛

3. خىمىيەلىك غىدىقلاشنى سەزگۈچى سېزىم قوبۇللىغۇچ.

031512543828000010953168

بىزگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىخنىڭ ئادەمگە سانجىلىشىدىكى ئاغرىشىنى ئېلىپ ئېيتساق، مىخ توقۇلمىغا سانجىلغاندىن كېيىن، توقۇلمىغا تارقالغان مېخانىكىلىق سېزىمنى قوبۇل قىلغۇچى ئەزالار غىدىقلىنىشقا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاغرىق نېرۋىغا يەتكۈزۈش شەكلىدە سىگنالنى يۇلۇنغا يەتكۈزۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ مېڭىگە يەتكۈزگەندە ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولىدۇ.

ئەلۋەتتە ئاغرىق پەيدا بولغان ئەمەلىي جەرياندا، يۇقىرىقى سېزىم قوبۇللىغۇچلار دائىم بىرلىشىپ رول ئوينايدۇ. مىخ سانجىلغاندا توقۇلمىلارنىڭ كېسىلىشى، قىسىلىشى قاتارلىق مېخانىكىلىق غىدىقلاشلاردىن باشقا، بۇ جەريان يەنە توقۇلمىلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىمىيەلىك ماددىلار شۇ ئورۇنغا قويۇپ بېرىلىپ، خىمىيەلىك غىدىقلىنىشنى ھېس قىلىدىغان سېزىم قوبۇللىغۇچىلار قوزغىتىلىدۇ.

031512560192700010953168

ئاغرىق سۇبيېكتىپ تۇيغۇ

گەرچە ھازىر بىز ئاغرىقنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمى توغرىسىدا بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. ئاغرىقنىڭ سىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئېچىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ مېڭە ئىلىمى جەھەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

لېكىن چوڭ مېڭىدىكى ھۈجەيرىلەر خۇددى ئالەمدىكى بىپايان يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزئ‍ارا باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقى ھەمدە سۇبيېكتىپ تەسىرات پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىلىملىرىمىز تېخى يېتەرلىك ئەمەس.

ئاغرىق بىر خىل بىئاراملىق، ئالدىنقى بۆلەكتە تىلغا ئېلىنغان مىخنىڭ ئادەمگە سانجىلىشىدىن پەيدا بولغان ئاغرىق مېخانىزمى ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاددىي ئاغرىق مېخانىزمىدۇر. چۈنكى ئاغرىق سىگنالى يارىلانغان توقۇلمىلاردا پەيدا بولغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭىدە ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ سىگنال چوڭ مېڭىنىڭ ئاغرىق ھېس قىلىش رايونىغا تەسىر قىلىپلا قالماي، ئۇ يەنە كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، پۇراش سېزىمى قاتارلىق بىر قاتار سېزىم ئۇچۇرلىرى بىلەن باغلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇرەككەپ ھەم ئۇنىۋېرسال سۇبيېكتىپ ھېس قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

031512552351700010953168

ئاغرىقنى چوڭ مېڭىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال «ھېس قىلىشى»

مەسىلەن: ئوخشاش دەرىجىدىكى يىڭنە سانجىغاندا، قاننىڭ يارا ئېغىزىدىن چاچراپ چىققانلىقىنى كۆرگەندە، بۇ خىل ئاغرىق سېزىمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان يارا ئېغىزىنى كۆز بىلەن كۆرمىگەندە يېنىكرەك ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل ئاغرىقنى ھېس قىلىش پەرقى ئاغرىش ۋە قورقۇش (بىلىش خاراكتېرلىك قورقۇش) قاتارلىق تۇيغۇلار بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. چۈنكى ئاغرىق بىر خىل قوغداش خاراكتېرلىك مېخانىزم بولۇپ، كۆپ ھاللاردا قانچە قاتتىق ئاغرىق «مەسىلىنىڭ شۇنچە ئېغىرلىقى»غا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداقلا خەتەرنىڭ شۇنچە چوڭلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

031512563894100010953168

بۇ خىل خەتەرلىك تۇيغۇ ھەمىشە ۋەھىمە بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئاغرىق قانچە قاتتىق بولسا ئادەم شۇنچە قورقىدۇ، ئادەم قانچە قورقسا ئاغرىقنى شۇنچە قاتتىق ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق ئاغرىقنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ.

031513025368100010953168

ئاغرىققا قانداق باھا بېرىلىدۇ؟

چۈنكى ئاغرىق سۇبيېكتىپ كەچۈرمىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئاغرىق كەچۈرمىشى يەنە باشقا سەزگۈ كەچۈرمىشى بىلەن باغلىنىشلىق دېدۇق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھېس قىلىدىغان ئاغرىق سېزىمى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: قاتناش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆڭەك سۇنۇش ئاغرىقى چوقۇم پىچاق بىلەن بارماقنى كېسىشتىن كېلىپ چىققان ئاغرىقتىن كۆپ كۈچلۈك بولىدۇ.

031512570474500010953168

رەقەملىك ئاغرىقنى باھالاش جەدۋىلى

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كۆرۈش سېزىمى ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاغرىق دەرىجىسىنى باھالاش يەنىلا ئىنتايىن ئىشەنچلىك. ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر ئاغرىقنى تېخىمۇ قولايلىق باھالاش ئۈچۈن، دوختۇرلار ئاغرىقنى رەقەملىك باھالاش مىقدار جەدۋىلىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ رەقەملىك مىقدار جەدۋىلى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن VAS مىقدار جەدۋىلىدۇر.

ئۇ ئاغرىقنى ئون دەرىجىگە ئايرىغان بولۇپ، 0 ئاغرىق يوقلۇققا، 10 تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاغرىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

031513003140400010953168

قاتتىق ئاغرىشتىن بىر قانچە خىل تەسىرات

كىشىلەر ئاغرىقتىن قورقسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇنىڭغا قىزىقىدۇ، ئادەم بەدىنى زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئاغرىيدۇ؟

بۇ خىل يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاغرىقنى ھېس قىلىشتا، روشەنكى ئادەتتىكى ئاغرىق سىنىقى ئ‍ارقىلىق تاماملاش ناھايىتى تەس.

ئاغرىغاندا ئارامسىزلىنىش، شۇنداقلا ھوشىدىن كېتىش ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق ئىپادىلىرى بارمۇ ـ يوق؟!

031512594733900010953168

بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى ئالىملار پۇت ئۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئاغرىقىنى بالا تۇغۇشتىنمۇ بەكرەك ئاغرىيدىغان ئىش دەپ قارىغان.

031513000415100010953168

يەنە بەزى ئالىملار «ئوق چۈمۈلە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل چۈمۈلىنىڭ ئادەمنى چېقىشىدىن پەيدا بولغان ئاغرىقنى ئادەم ھېس قىلالايدىغان ئەڭ قاتتىق ئاغرىش تۇيغۇسى دەپ جاكارلىغان.

يەنە بەزىلەر تارىختىكى دەھشەتلىك جازالارنى ئەڭ ئازابلىق كەچۈرمىش دەيدۇ. لېكىن بۇ خىل جازالاش ئۇسۇلىدا بەدەن تىتما-تىتما بولۇپ كېتىشتىن ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇ خىل ئاغرىقنى سۆزلەپ بەرگۈچى يوق. ھەم بۇ خىل كەچۈرمىشنى بىزنىڭ ھەقىقىي ھېس قىلىشىمىز ناھايىتى تەس. قىسقىسى، ئاغرىقنى شۇ ئاغرىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلاردىن باشقىلارغا ھەر قانچە چۈشەندۈرگەن بىلەنمۇ، بۇنى ئاغرىمىغان ئادەم ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى