ساغلاملىق بىلىملىرى

ئىككى ناچار ئادەت جىگەر قېتىش خەۋپىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ۋە مېتابولىزم رولى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھالبۇكى، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ئېلىمىزدىكى ھەر خىل جىگەر كېسىلى بىمارلىرى %55نى ئىگىلەيدىكەن، بۇنىڭدىن ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھەر يىلى جىگەر قېتىش، جىگەر راكى قاتارلىق ئېغىر جىگەر كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى ھەددى ھېسابسىز. بۇ ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جىگەر ئىنتايىن ئاجىز ئەزا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاسانلا زىيان يېتىدۇ، بىز بۇ ھەقتە كونكرېت توختىلىپ ئۆتەيلى.

031810543989600000007059

1. ھاراق ئىچىش

يېقىن دوستلار جەم بولغاندا، سودا توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغاندا دائىم بىر ئىككى رومكىدىن ھاراق ئىچىلىدۇ، بۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال. ئەمما ھاراق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئىسپىرت بولىدۇ، دائىم ھاراق ئىچكەندە ياكى بىر قېتىمدىلا ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە كۆپ مىقداردىكى ئىسپىرت بەدەندە يىغىلىپ قالىدۇ ۋە ئاستا ئاستا جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ھاراقنى ۋاقتىدا تاشلىمىغاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جىگەر قېتىش، جىگەر راكى قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدىكى جىگەر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا جىگەر ئىقتىدارى ئەسلىدىلا ياخشى ئەمەس كىشىلەر ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك.

031810550795700000007059

2. كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش

نۇرغۇن كىشىلەر بىر قىسىم كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن يەر ياڭىقى، تاتلىق ياڭيۇ ۋە بىر قىسىم سۈپىتى ئۆزگەرگەن مېۋە چىۋە قاتارلىقلارنى يەنىلا يېگىلى بولىدۇ دەپ قاراپ ئۇنى ۋاقتىدا تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيمايدۇ. بۇ خىل سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەردە بىر خىل زىيانلىق ماددا ئافلا توكسىنى بار. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەدەن ئافلا توكسىنىنى زىيادە قوبۇل قىلىۋالغاندا جىگەر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. جىگىرىدە مەسىلە بار كىشىلەرنىڭ جىگەر ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زىيانغا ئۇچرىتىپ، ھەتتا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن.

جىگەر قېتىشقا باشلىغاندا بەدەندە ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ

1. قوساق بوشلىقىغا سۇ چۈشۈش

جىگەر كېسىلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى قوساق بوشلىقىغا سۇ چۈشۈشتۇر. جىگەر ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغاندا جىگەرنىڭ ئاقسىلنى بىرىكتۈرۈش ۋە ساقلاش ئۈنۈمى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇ قاندىكى ئاقسىل مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ تەسىرىدە قان ئايلىنىش جەريانىدا سۇ توقۇلمىلارغا سىڭىپ كىرىپ، جىگەر مەنبەلىك قورساققا سۇ چۈشۈش ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسەللىكى

جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش رولى بار، جىگەردە مەسىلە كۆرۈلگەندە جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار پارچىلانماي مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، باش ئاغرىش، ھوشسىزلىنىش ياكى ئاڭ سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە بىز يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك.

3. بەدەننىڭ قان ئۇيۇتۇش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش

جىگەرنىڭ قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورنى ھاسىل قىلىش رولى بار، جىگەر ئىقتىدارى زەخىملەنسە قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورنىڭ شەكىللىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بەدىنىمىز يېنىك دەرىجىدە زەخىملەنگەندە قىل قان تومۇرلار يېرىلىپ كونترول قىلغىلى بولمايدىغان قاناش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

 


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى