
جىددىيلىشىش ياكى سوغۇق ھاۋا قاتارلىقلارنىڭ غىدىقلىشىدىن پەيدا بولغان «توخۇ ئەت»تىن باشقا، يۇقىرى بىلەك ۋە يوتىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە دائىم كۆرۈلىدىغان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقاپ كەتمەيدىغان بىر خىل «توخۇ ئەت» بولۇپ، مېدىتسىنادا «تۈك ئەتراپى مۈڭگۈزلىشىش كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك تۈك خالتىسى مۈڭگۈزلىشىش خاراكتېرلىك تېرە كېسىلى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، %80 كىشىلەردە بۇ خىل مەسىلە بار ئىكەن، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى قىشتا ئېغىرلىشىپ، يازدا يېنىكلەيدۇ، بەزىدە ئازراق قىچىشىدۇ، ياشلىق مەزگىلىدە قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي يوقاپ كېتىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.