
جاھاندا گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان ئايال بولمىسا كېرەك، ھەر بىر ئايال ئۆزىنىڭ يىللار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، گۈزەل تۇرشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تېرىنىڭ قېرىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئاياللار قىممەت باھالىق نۇرغۇن گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن تېرىسىنى ئاسرايدۇ، ئەمما يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشكە سەل قارايدۇ. مەسىلەن، بەزى تاتلىق ياكى ئاچچاىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋالىدۇ، شۇنىڭ ھەرقانچە ياخشى، قىممەت باھالىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسىمۇ، تېرىنىڭ تېز قېرىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ.


ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە دەۋاتقان بەش قىزىل زادى قايسىلار، بۇ قىزىل شورپىنى زادى قانداق تەييار قىلىمىز؟ قىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى!
بۇ يەردە دېيىلۋاتقان بەش قىزىل:
قىزىل پۇرچاق، قىزىل خاسىڭ، چىلان، ئالقات، قارا شېكەر.
ھەممىسى مۆتىدىل يېمەكلىك ماتېرىياللىرى، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى بولمايدۇ. بەدەن سۈپىتى بىر قەدەر ئىسسىق بولسا، چىلاننىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئېستىمال قىلسا بولىدۇ. لېكىن ھەيىز مەزگىلىدە ئېستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى ھەيىز مەگىلىدە ئېستىمال قىلغاندا، ھەيىزنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.


-قىزىل شورپا–
كېتەرلىك ماتىرىياللار
قىزىل خاسىڭ ………………..50 گىرام
قىزىل پۇرچاق…………………..50گىرام
ئالقات…………………………….10 تال
چىلان……………………………….5تال
سۇ……………………..مۇۋاپىق مىقداردا
تەييارلاش ئۇسۇلى
1. ئالدى بىلەن كېتەرلىك ماتىرياللارنى تەييار قىلىۋالمىز.
2.قازانغا قىزىل پۇرچاق، خۇاسېڭ، ئۇرۇقچىسى ئېلىۋېتىلگەن چىلاننى قوشۇمىز.
3. ئۇنىڭدىن كېيىن قازانغا ئىككى قاچا سۈزۈك سۇ قۇيىمىز.
4. قازان قاينىغاندىن كېيىن، ئوتتۇرىھال ئوتتا 40 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز. (ئەگەر يۇقىرى بېسىملىق قازان ئىشلىتىلسە، 10 مىنۇتتىلا ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ كېتىدۇ. )
5. دۈملەپ قىزىل پۇرچاق يۇمشاپ بولغانلىقى جەزىملەشتۈرلگەمدىن كېيىن قارا شىكەرنى سالىمىز.
6. ئالقاتنى سېلىپ، داۋاملىق بەش مىنۇت دۈملەپ پىشۇرساق بولىدۇ.
7. مانا بىردەمدىلا بىر چىنە چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ قان تولۇقلاش شورپىسى تەييار بولدى، بۇ شورپىنى يەنە ھەيز مەزگىلىدىن كېيىن قان تولۇقلاش، شۇنداقلا يەنە قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ.
8. قېنى گۈزەللىكنى سۆيەر خانىم-قىزلار سىزمۇ ئائىلىد قول سىلىپ تەييارلاپ ئىچىپ كۆرۈڭ، بۇ شورپىنىڭ رولى يۈز چاپلاق چاپلىغاندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى، ئۈنۈمىگە ھەيران قالىسىز.