ساغلاملىق بىلىملىرى

تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەڭ

يەرشارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن خۇ خانىم يۈخاڭ لىنپىڭدا تۇراتتى. ئۇنىڭ بىر دوستى ئۈندىدار سودىسى قىلىدىغان بولۇپ، كۈندە دوستلار چەمبىرىكىدە ئۆزى سېتىۋاتقان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى «تېرىڭىز ئۈچ كۈندە ئاقىرىدۇ، يەتتە كۈندە نۇرلىنىپ پارقىراق بولىدۇ، ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە پۇلىڭىزنى تولۇق قايتۇرىمىز!» دەپ توختىماستىن تەشۋىق قىلاتتى.

ئۈندىدار سودىگەرلىرىنىڭ «مېڭە يۇيۇش» ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولىدۇ. ئىزچىل ئۆزىنىڭ تېرىسىنىڭ خۇنۈكلىكىدىن بىئارام بولۇپ كەلگەن خۇ خانىممۇ بۇ تەشۋىقاتنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان. شۇنىڭ بىلەن دوستىدىن بىر يۈرۈش تېرە ئاسراش بۇيۇمى سېتىۋېلىپ ئۈنۈمىنىڭ قانداقراق بولىدىغانلىقىنى سىناپ باقماقچى بولغان.

دەسلەپتە ئىشلىتىشنى باشلىغاندا خۇ خانىمنىڭ تېرىسى ھەقىقەتەن نۇرلۇق، پارقىراق بولغان. يۈزىدىكى داغ-سەپكۈنلەرمۇ خېلىلا سۇسلىغان. خۇ خانىم بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولغان. كۆڭلىدە ئاخىرى رازى بولغۇدەك تېرە ئاسراش يۈرۈشلۈكى تاپالىدىم دەپ ئويلىغان ھەمدە ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن داۋاملىق سېتىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. لېكىن يېقىندا خۇ خانىم ئازراقلا ئىسسىق يەرگە بارسا، ھەرىكەت قىلسا ياكى ئاچچىق-چۈچۈك نەرسە يېسىلا يۈزىنىڭ قىززىپ، تارتىشىپ ناھايىتى بىئارام بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. يەنە ئانچە-مۇنچە مۇدۇ چىقىدىغان بولۇپ قالغان. خۇ خانىم نېمىشقا بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، بەشىنچى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تېرە بۆلۈمىگە كۆرۈنگەن.

0319110945210000000000000153

چى فېڭمىڭ دوختۇر خۇ خانىمنىڭ تېرىسىنى ئىنچىكە تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ ناھايىتى نېپىزلەپ كەتكەندىن باشقا يەنە ئىككى مەڭزىدە ئىنچىكە قان تومۇرلارنىڭ كۆرۈنۈپ قالغانلىقىنى، چېكىسىدىكى تەر تۈكچىلىرىنىڭ قارىداپ قالغانلىقىنى، قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغىمۇ بىر نەچچە مۇدۇ چىقىپ قالغانلىقىنى بايقىغان. بىرەر قۇر ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن، چى دوختۇر بۇ ئەھۋال خۇ خانىم ئىزچىل ئىشلىتىۋاتقان تېرە ئاسراش يۈرۈشلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلغان. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە تېرە ئاسراش يۈرۈشلۈكىنىڭ تەركىبىدە ھورمۇن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ خۇ خانىمنىڭ «ھورمۇنغا بېقىنىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى»غا گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.

ھورمۇنغا بېقىنىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى ئاددىي قىلىپ «ھورمۇنلۇق يۈز» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېقىندىن بۇيان بۇنداق ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. گىرىپتار بولغانلار ئاساسلىقى ياش، ئوتتۇرا ياش ئاياللار. يۈخاڭ بەشىنچى خەلق دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىمۇ كۈندە بۇنداق بىماردىن يەتتە سەككىزنى قوبۇل قىلىدىكەن.

ھورمۇنغا بېقىنىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى بولۇپ قالغان بىمارلاردا يۈز تېرىشى نەملىشىپ، قىزىرىپ ئىششىش، يۈزى چىڭقىلىپ بىئارام بولۇش، تۈر تۈكچىلىرى توملىشىپ قارىداپ كېتىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بىر قىسىم بىمارلاردا تېرىسى نېپىزلەپ، يىگىلەپ قىلىش دېگەندەك ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى توختاتقاندىن كېيىن تېرىسى قۇرغاقلىشپ سەپكۈن چۈشىدۇ.

0319111149426000000000000153

سۈرەتتە خۇ خانىمنىڭ يۈز تېرىسىنىڭ ئەھۋالى

زادى نېمە سەۋەبتىن شۇنچە كۆپ ئادەم «ھورمۇنلۇق يۈز» كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟

چى فېڭمىڭ دوختۇر مۇنداق تەھلىل قىلغان: بىر قىسىم بىمارلار تېرىسىدە ئازراقلا مەسىلە كۆرۈلسە، ئاسانلىق قوغلىشىپ دورىخانىلاردىن ھورمۇنلۇق مەلھەملەرنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېرىسى ھورمۇنغا بېقىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم بىمارلار خۇ خانىمغا ئوخشاش ناچار سودىگەرلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ ھورمۇنلۇق بۇيۇملارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەنلىكتىن تۈرلۈك تېرە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

دوختۇرلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: تېرىڭىزدە مەسىلە كۆرۈلسە مەلھەملەرنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىڭ؛ بازاردا سېتىلىۋاتقان ھورمۇنلۇق دورىلار بەك كۆپ، خالىغانچە سېتىۋېلىپ ئىشلەتمەڭ؛ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى نورمال، مۇنتىزىم جايلاردىن سېتىۋېلىڭ. ئامال بار تەركىبى ئاددىي مەھسۇلاتلارنى تاللاپ ئىشلىتىڭ. كۆپتۈرۈلگەن ئېلان-تەشۋىقاتلارغا ئىشەنمەڭ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى