قەلىب تىۋىشلىرى

جۇشقۇن روھىي ھالەت قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخىشلايدۇ

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

031913290881300000007059

جۇشقۇن ياش بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن نەچچە ئون يىلدىن كېيىنكى ئاخىرقى ئۆمرىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىسىز؟ پېنسىيىگە چىققان بىر كىشى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئۆزىڭىزنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياش، قاۋۇل دەپ قارامسىز؟ سىز يەنە «قېرىلىق» دېگەن بۇ ئۇقۇمغا قانداق ئېنىقلىما بېرىسىز؟

ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ياشانغان كىشىلەر قامىتى پۈكۈلگەن، ھەر بىر قەدىمىنى ئاۋايلاپ ئالىدىغان، كۆزى تورلاشقان، قۇلىقى ئېغىرلاشقان، كۆز ئەينەك تاقىمىسا خەت ئوقۇيالمايدىغان، جىسمانىي ئەمگەك قىلالمايدىغان، پات پات دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاجىز كىشىلەر توپىدىن ئىبارەت.

بۇ خىل ئۆلۈك بىر تەرەپلىمە قاراش توغرىسىدا ئامېرىكا گىئورگىيە ئىشىتاتلىق داشۆنىڭ پىسخولوگىيە ۋە ياشانغانلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى سارا باربېر (Sara Barber) يېقىندا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ئەگەر ياشانغانلار بىلىش جەھەتتە ياكى جىسمانىي جەھەتتە توسالغۇسى بار كىشىلەر توپى دەپ قارالسا ياكى ياشانغانلار ئۆزىنى ئەمدى بۇ ياش باسقۇچىدا بىلىش ياكى جىسمانىي ھەركەت جەھەتتە توسالغۇ پەيدا بولىدۇ دەپ قارىسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئىپادىلىگەن تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىدىن تۆۋەن بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ھازىرغىچە بولغان نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا بۇ خىل تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ خىل تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمى «ئۆلۈك تەسىر تەھدىتى» (刻板印象威胁) دەپ ئاتىلىدۇ.

031913292333600000007059

بۇ جەمئىيەتنىڭ «قېرىلىق» دېگەن بۇ ئۇقۇمغا بولغان سەلبىي ئېنىقلىمىسىدىن، شۇنداقلا ياشانغانلارنىڭ بۇ خىل سەلبىي ئېنىقلىما ئاساسىدا ئۆزىگە چىقارغان پىسخىكىلىق بېشارىتىدىن كەلگەن. سارا باربېر مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر ياشانغانلار ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇ ھالدا ئۇ ئۆزىنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلشىدىن ياكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولغاندا ياشانغانلاردا ئادەت خاراكتېرلىك ئۇنتۇغاقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم كىشىلەر ياشانغانلارنى ھەرىكىتى ئاستا، تېنى ئاجىز دەپ قارايدۇ، ئەگەر ياشانغانلار بۇ خىل سەلبىي قاراشنى ئۆزىگە زورلاپ تاڭسا، ئۇ ھالدا مېڭىشى تېخىمۇ ئاستىلاپ قېلىشى ياكى سىقىش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ تەجرىبە ئارقىلىق بايقالغان.

سارا باربېر خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەرنىڭ قېرىلىق دەرىجىسىگە بولغان قارىشى ئىنتايىن مۇھىم، پەقەت ئاكتىپ پوزىتسىيە، جۇشقۇن روھى ھالەت بولغاندىلا قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى، قېرىشنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلەتكىلى، تېخىمۇ ياخشى بولغان ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى