ئەرلەر دۇنياسى

تۇرمۇشتا بېسىم ھېس قىلىدىغان ئەرلەرگە بەش تەكلىپ

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېسىم تۇرمۇشىمىزدا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق ھادىسە، باشقا كىشىلەر توپىغا سېلىشتۇرغاندا ئەرلەرنىڭ بېسىمى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، ئۇنداقتا سىز ئەرلەردىكى بېسىمنىڭ قانداق شەكىللىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى يېنىكلىتىشنىڭ قانداق ئۇسۇلى بارلىقىنى بىلەمسىز؟

032011583956400004418093

ئەرلەردىكى بېسىم ئېغىر بولۇشنىڭ ئىپادىلىرى

1. فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتە

يۈرەك سېلىش ۋە كۆكرەك ئاغرىش، باش ئاغرىش، ئالىقان مۇزلاش ياكى تەرلەش، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى مەسىلىلىرى (مەسىلەن، ئاشقازان بىئارام بولۇش، ئىچى سۈرۈش)، كۆڭلى ئېلىشىش ياكى قۇسۇش، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.

2. تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە

ئۇيقۇسى قېچىش، ھاراق-تاماكىغا ھەددىدىن زىيادە خۇمار بولۇش، سۆرەلمىلىك، بارلىق كۆڭۈل ئېچىشنى پائالىيەتلىرىنى توختىتىش، ھەددىدىن زىيادە تاماققا خۇمار بولۇپ قېلىش ياكى تاماقتىن بىزار بولۇش، تىنچلاندۇرۇش دورىسى يېيىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

3. پىسخىكا جەھەتتە

ئەرلەرنىڭ بېسىمى ئېغىر بولسا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ بەزى ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمى بەك ئېغىر بولسا ھەم ئۆزى ياخشى تەڭشىيەلمىسە، تۇرمۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تاللايدۇ. ۋە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بەزى مۇھىم ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر نۇرغۇن ۋاقىتلاردا خاتىرىسىنى تاللاپ يوقىتىدۇ، ئۆزىنى ئازابلايدىغان ياكى كاللىسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى مەجبۇرىي ئۇنتۇش ئارقىلىق بېسىمنى تۆۋەنلەتمەكچى بولىدۇ، ئاقىۋەتتە ئىشلارنى ئۆزى قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى ئەسكە ئالالمايدۇ.

4. كەيپىيات جەھەتتە

ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئالدىراقسانلىق، ئەندىشە قىلىش، جىددىيلىشىش، مۇئامىلىسى قوپاللىشىش، تەشۋىشلىنىش، خاتىرجەمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

032012042947200004418093

ئەرلەر بېسىمنى قانداق پەسەيتىدۇ؟

1. تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش

ئەرلەر بەزى ساغلام بولمىغان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. مەسىلەن مېھماندارچىلىقنى ئازايتىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش، تاماكا تاشلاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكى قاتارلىقلارنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئەرلەر يەنە تەرتىپلىك تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئاكتىپ ئورۇقلىشى كېرەك.

2. ئائىلە غەمخورلۇقى

ئائىلە ئىناقلىقى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى جىددىي كەيپىياتنى تۈگىتىپ، روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق. ئېرىدە كۆرۈلگەن جىنسىي ھەۋەس تۆۋەنلەش ۋە جىنسىي ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلىشىشىغا قارىتا، ئايالى كەڭ قورساقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى، كۆيۈنۈپ، غەم-ئەندىشىنى تۈگىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ داۋالىشى كېرەك.

3. ئاكتىپ داۋالاش

بېسىمى ئېغىر ئەرلەر دوختۇر بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشى، زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى، يان ئۇرۇقدان ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ياكى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى، ھەر خىل پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك سوزۇلما كېسەللىكلەرنى تۈگىتىشى كېرەك.

4. پىسخىكىلىق تەڭشەش

ئەرلەر قايغۇ-ھەسرەتلىك ئىشلارغا يولۇققاندا، سوغۇق قانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئۇزاق مۇددەت روھىي يۈكنى زىممىسىگە يۈكلىۋالماسلىقى، ئۆز ۋاقتىدا جىددىيلەشكەن روھىي ھالەتنى تەڭشەپ، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتىشى ۋە يوقىتىشى كېرەك. ئەرلەر بېسىمنى يېنىكلەتكەندە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىش، كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇش ياكى ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن مۇڭدىشىش قاتارلىقلار. بۇنداق بولغاندا بارغانچە كۆڭلى ئازادە بولۇپ، روھىي بېسىمىمۇ ئاستا-ئاستا يوقايدۇ.

5. تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش

ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە دالا پائالىيىتى ئەرلەرنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە ئىنتايىن پايدىلىق، كۈندىلىك ھەرىكەتتە چىڭ تۇرغاندا، جىددىي ئەقلىي ئەمگەكتىن شەكىللەنگەن چارچاشنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە نېرۋا بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمالسىزلىقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى