
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ۋىتامىن Cنىڭ رولى كۆپچىلىككە نىسبەتەن ناتونۇش ئەمەس، ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ۋە ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بولغاچقا، ۋىتامىن C ھۆسن تۈزەش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
بىز كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋىتامىن Cنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ باقايلى
1. ۋىتامىن Cنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ،بەدەندىكى كېرەكسىز ئەركىن رادىكاللارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ھۆسن تۈزەش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېرىنى چىڭىتىپ ئېلاستىكلىققا ئىگە قىلىش، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار.
2. ۋىتامىن C ئۆگىنىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
3. ۋىتامىن C تۆمۈر، كالتسىي، يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىق مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ.
ۋىتامىن Cنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا بولغان ئۈنۈمى ياخشى، لېكىن كۆپ يېسەك بولمايدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن Cنىڭ زەھەرلىكلىكى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت كۈنىگە 1000 مىللىگىرام قوبۇل قىلسا ناچار تەسىرى بولمايدىكەن. ئەمما قوبۇل قىلىش مىقدارى 3000 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتكەندە ئىچ سۈرۈش، ئاشقازان- ئۈچەي قالايمىقانلىشىش، ئوكسالات كىسلاتا ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ چىقىرىلىش مىقدارى كۆپىيىش، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق ناچار تەسىرلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ۋىتامىن C قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دېگەن گەپ توغرا ئەمەس. ئەڭ ياخشى تولۇقلاش ئۇسۇلى يەنىلا كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك، كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەردىن زۆرۈر بولغان ۋىتامىن Cغا ئېرىشىشتۇر. مۇشۇنداق قىلغاندا ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ.