ئىچكى كېسەللىكلەر

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىدا قانچىلىك ۋاقىتتا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؟

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، جىگەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرى ياللۇغلىنىش، جىگەر ھۈجەيرىلىرى نېكروزلىنىش، تالالىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىگەر قېتىشىش، جىگەر راكىغا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بىماردا دەرھاللا بىئارام بولۇش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، بەلكى بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، يەنى بۇ دائىم دەيدىغان B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە ئالتە ھەپتىدىن ئالتە ئايغىچە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىماردا ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئاسان چارچاش، ئىشتىھاسىزلىق، سېرىقلىق چۈشۈش، جىگەر ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئاساسلىقى قان ئارقىلىق تارقىلىش، جىنسىي ئۇچرىشىش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نورمال ئۇچرىشىش B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئۇنداقتا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۇقۇملانسا قانچىلىك ۋاقىتتا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؟

032101184868200010945131

(1) يۇقۇش يوللىرى
B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىمارنىڭ يۇقۇملىنىش يولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بىمار قان ئارقىلىق يۇقۇملانغان بولسا، ئۇنداقتا يوشۇرۇن مەزگىلى باشقا يوللارغا قارىغاندا قىسقا بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 65 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. باشقا يوللار ئارقىلىق B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا يۇقۇملىنىشنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى نىسبەتەن ئۇزۇن بولۇپ، ئوتتۇرىچە 98 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.

032101185680600010945131

(2) B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۇقۇملانغان ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، يوشۇرۇن مەزگىلى شۇنچە قىسقا بولىدۇ.

032101214869700010945131

(3) بىمارنىڭ بەدەن قارشىلىق كۈچى
ئەگەر بىمارنىڭ ئۆزىدىكى قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولسا، ئۇنداقتا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ.
ئەگەر بىماردا ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئاسان چارچاش، ئىشتىھاسىزلىق، سېرىقلىق چۈشۈش، جىگەر ئەتراپى ئاغرىش قاتارلىق B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلسە، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلارمۇ مەيۈسلەنمەسلىكى، ئاچچىقلانماسلىقى، تېخىمۇ ياخشى، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلىشى كېرەك. چۈنكى پەقەت كەيپىياتى ياخشى بولغاندىلا، ئاندىن كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يېتىدۇ، ئاچچىقلانغاننىڭ جىگەرگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇۋاپىق غىزالىنىش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى