بالىلار ساغلاملىقى

يالغۇزلۇق كېسىلىنىڭ سەۋەبى ۋە داۋالاش تەدبىرلىرى

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يالغۇزلۇق كېسىلى پىسخىكا كېسەللىكلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، كۆپىنچە بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بالىلار يالغۇزلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

032116565227200000042394

ئۇنداقتا يالغۇزلۇق كېسىلى نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ؟

1. ئۇ بىر خىل مېتابولىزم كېسەللىكىدۇر

مەسىلەن فېنىل كېتون سىيىش كېسىلى قاتارلىق تۇغما مېتابولىزم توسالغۇسى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، يالغۇزلۇق كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

2. ئېرسىيەت ئامىلى

20% تەك يالغۇزلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ جەمەتىدىن ئەقلىي ئىقتىدارى يېتەرسىز، تىل تەرەققىياتى كېچىكىش ۋە يالغۇزلۇق كېسىلىگە ئوخشىشىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يالغۇزلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوغۇل بالىلارنىڭ تەخمىنەن %10ىدە خىروموزوما ئاجىزلىق ئەھۋالى بار.

3. ئائىلە مۇھىتىنىڭ بالىلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى

ئاتا-ئانىلار دائىم ئۇرۇشسا ھەتتا ئاجرىشىپ كەتسە بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، ئاسانلا ئىچ مىجەز خاراكتېرى شەكىللىنىدۇ. ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىغا زىيادە سوغۇققان ۋە قاتتىق تەلەپ قويۇشى ۋە ئائىلە مۇھىتىنىڭ ئىناقسىزلىقى بالىلاردا يالغۇزلۇق كېسىلى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

4. بالىنىڭ ئۇزاق مەزگىل زېرىكىشلىك مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرۈشى

ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيەلىمىسە ۋە ئىجتىمائىي قىلمىشىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلالمىسا، بالىمۇ بارا-بارا سىرتقى دۇنياغا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە يالغۇزلۇق كېسىلىگە مۇپتىلا بولىدۇ.

5. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش

ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يەلتاشما ياكى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا ھامىلىنىڭ مېڭە تەرەققىياتى زەخمىگە ئۇچراپ، ئاقىۋەتتە يالغۇزلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

6. مېڭە زەخمىسى

ھامىلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېڭىسى زەخمىلىنىش ۋە بوۋاقتىكى مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىق مېڭە زەخمىسى كېسەللىكلىرىمۇ يالغۇزلۇق كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

032116572776800000042394

يالغۇزلۇق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

1. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى پىسخىكا جەھەتتىن قوللاپ، ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، شۇنىڭغا قارىتا يېتەكلىشى زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، بۇ كېسەلنى چۈشىنىشى ھەمدە بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئالاھىدىلىكىنى بىلىپ، بالىنى داۋالاشنىڭ ئاساسى ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، دوختۇرغا يېقىندىن ماسلىشىپ ئائىلىدە بىمارغا تۈزىتىش ۋە تەربىيە مەشىقى ئىشلىتىش كېرەك.

2. ئوخشىمىغان بىمارلار ئارىسىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە كېسەلنىڭ ئېغىر-يىنىكلىك دەرىجىسى پەرقلىنىدۇ. شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاساسىدا بىمارغا ماسلىشىدىغان مەشىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پىلان بويىچە تەربىيەلەپ، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەندە دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن پىلاننى ۋە كېيىنكى قەدەملىك مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

3. كۆپىنچە بىمارلاردا قەستەنلىك قىلمىشى، ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۈش، ئېغىر دەرىجىدىكى تاماق تاللاش ئەھۋاللىرى مەۋجۇد بولغاچقا، ئىلمىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئۇلاردىكى بۇ غەيرىيلىكلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى