خانىم قىزلار

گۇزەل ئاياللارنىڭ ھەممىسى كۇتۇنۇشتىن ئايرىلالمايدۇ!

 

ئاياللار 40 ياشتىن كېيىن قېرىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، سىرتقى تېرىدە قېرىش ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدان قاتارلىق كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىمۇ چېكىنىدۇ. قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ياخشى ھالەتنى ساقلاش ئۈچۈن، كۈتۈنۈشنى ئۆگىنىش كېرەك، گۈزەل ئاياللارنىڭ ھەممىسى كۈتۈنۈشتىن ئايرىلالمايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار 40 ياشتىن كېيىن ئاسراشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى، تۇرمۇشتىكى بەزى سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئۇنداقتا ئاياللار 40 ياشتىن كېيىن قانداق كۈتۈنۈشى كېرەك؟

 

1. ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك : تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاياللار سوغۇقتىن قورقىدۇ، دائىم قولى مۇزلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشى، ئادەتتە ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن كىيىم كىيىشى، بولۇپمۇ قورساق ۋە پۇت قىسمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىشى، ئادەتتە دۈمبىسى ۋە كىندىكى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيمەسلىكى، كالتە يوپكا كىيمەسلىكى كېرەك، ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بەرسە، پۇت-قولنىڭ مۇزلاپ كېتىشىنى پەسەيتكىلى ھەمدە قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

 

2. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش : يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىش، ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاش، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش، توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى، تۇخۇم ۋە سۈت قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، مايدا پىشۇرۇلغان، كاۋاپ قىلىنغان، تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.

 

3. بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇش : نۇرغۇن ياش خانىم-قىزلار تۈنەشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە دائىم تۈنەش ئاياللارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاياللارنى تېخىمۇ ئاسان قېرىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مەزگىل تۈنىگەندە ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، تەشۋىشلىنىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇپ، تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىشنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشىنى، ساغلام ھالەتنى ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

4. مۇۋاپىق چېنىقىش : ئاياللار 40 ياشتىن كېيىن بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەيدۇ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئاسان كېسەل بولىدۇ، چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. مۇۋاپىق ھەرىكەت ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، تۇخۇمداننى ئاسراشقا پايدىلىق بولۇپ، تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ساغلام ئادەملەرمۇ ياش كۆرۈنىدۇ.

 

5. ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش : 40 ياشتىن كېيىن كىلىماكتېرىيە دەۋرى كېلەي دەپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋىيەسىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاسانلا كەيپىيات داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاسانلا ئاچچىقلىنىدۇ، تىت-تىت بولىدۇ، ھەتتا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ساغلام ئاياللار ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئەگەر كۆڭۈلسىز ئىشلار يۈز بەرسە ناچار كەيپىياتنى قويۇپ بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ بېسىمنى يېنىكلىتىشى ياكى سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىشى، ياكى كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ دىققىتىنى يۆتكىشى كېرەك.

 

6. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئاز كىيىش: نۇرغۇن ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قارىماققا كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ، لېكىن 40 ياشلىق ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئاز كىيىشى كېرەك، چۈنكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە بەدەن ئالدىغا ئېگىلىدۇ، سۆڭەك ئاسان زەخىملىنىدۇ، يەنە داس بوشلۇقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. 40 ياشتىن كېيىنكى ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىنى سېلىۋېتىپ، تۈز پاشنىلىق ئاياغلارنى تاللاپ، پۇتىنى زەخىملەندۈرمەسلىكى، بەدىنىنى زەخىملەندۈرمەسلىكى كېرەك.

 

ئاياللار 40 ياشقا كىرگەندە بېسىمنى قويۇپ بېرىشكە دىققەت قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشى كېرەك، شۇندىلا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ ھەم سىزنىڭ گۈزەل، جەزبىدار ھالىتىڭىزنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى