
ھەرقانچە يېسىمۇ سەمرىمەيدىغان كىشىلەر جۇڭيى تېبابىتىدە كۆپىنچە ئاشقازان ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ: تۈنەش، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشى زىيادە كۆپ بولۇش، يېمەك ـ ئىچمىكى ئاچچىق، مايلىق بولۇش.
ئاشقازان ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئىپادىلىرى:
1. ئېغىز قۇرۇش، سوغۇق ئىچىملىككە ئامراق بولۇش
2. ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش
3. مىجەزى ئىتتىك بولۇش
4. تىلى قىزىرىش، تىل گېزى ئاز بولۇش
5. چوڭ تەرەت قۇرغاق بولۇش
ئاشقازان ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
1. سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىپ، ئىلمان سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك.
2. مايسىز تاماق يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
3. غەرب ئادەمگىياھى، شاقاقۇل، قۇملۇق ئادەمگىياھى، بۇسات ئوتىنى دەملەپ ئىچىش كېرەك.