يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

ئەيدىز كېسىلى نېمىشقا قىزىتمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

0322162332117000000000000096

ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن بولغان قىزىتما ئىككى ۋاقىتتا كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بىرى ئەمدىلا يۇقۇملانغان ۋاقىت يەنى ئۆتكۈر مەزگىلى، يەنە بىرى يۇقۇملىنىپ كۆپ يىللاردىن كېيىنكى كېسەللىك قوزغىلىش مەزگىلى.

بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃38.3دىن يۇقىرى بولسا قىزىتما دەپ قارىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى (قولتۇق ئاستى تېمپېراتۇرىسى) قانچە گىرادۇسقا يەتكەندە ئاندىن قىزىتما بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بەزى كىشىلەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃37دىن ئېشىپ كەتسە ئادەتتىن تاشقىرى جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃38.3تىن ئېشىپ كەتسە ئ‍اندىن قىزىتما ھېسابلىنىدۇ، گەرچە ℃37 ~ ℃38 بولسا تۆۋەن قىزىتما بولسىمۇ، لېكىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قىزىپ قالغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃38.3تىن ئاشىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى بىمارى نېمە ئۈچۈن قىزىپ قالىدۇ؟

قىزىش ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئىنكاسى، ئۇ ئادەتتە سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە يۇقۇملىنىش ياكى ياللۇغلىنىش يۈز بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. گەرچە نۇرغۇن سەۋەبلەر قىزىتمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ۋىرۇس بەدەندە كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ، ۋىرۇسلۇق قان كېسىلى پەيدا قىلىپ، تاق يادرولۇق ھۈجەيرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بەدىنىمىز بۇلارنىڭ بەدىنىمىزنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى بايقىسا، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى قوزغىتىپ ۋىرۇسقا قارشى تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىزىتمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەتتە بۇ خىل قىزىتما ئىككى ھەپتە ياكى بىر نەچچە كۈندىلا ياخشىلىنىدۇ.

ئاخىرقى باسقۇچتىكى قىزىتما ئاساسلىقى ۋىرۇسنىڭ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە بولغان بۇزغۇنچىلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى سىرتتىن كەلگەن يۇقۇملىنىشقا ئىنكاس قايتۇرالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ، پارازىت قۇرت ۋە باشقا مىكرو جانلىقلار ھەر خىل يۇقۇملىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇ ۋاقىتتا قىزىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، ئەگەر كونترول قىلىنمىسا بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، تېخىمۇ ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى