ئەرلەر كېسەللىكى

ئاياللاردىكى بالىياتقۇ پەردىسى ئورنىنىڭ غەيرىيلىك كېسىلى ھەققىدە

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنىنىڭ غەيرىيلىك كېسىلى ئىچكى غەيرىيلىك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇ يامان سۈپەتلىك راك كېسىلىگە ئۆزگەرمىسىمۇ، باشقا ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا «ياخشى سۈپەتلىك راك كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

032219300930700000042394

بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئەسلىدە بالىياتقۇ بوشلۇقىدا ئۆسىدۇ، دەۋرىيلىك ئىچىدىكى ھورمۇن ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ سويۇلغاندا ئايدا كېلىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بالىياتقۇ بوشلۇقى تۇخۇم نەيچىسى ئارقىلىق داس بوشلۇقى بىلەن تۇتىشىدىغان بولغاچقا، ئىچكى پەردە ھۈجەيرىلىرى سىرت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بالىياتقۇ سىرتىغا چىقىپ كەتسە، ئۇ بەدەننىڭ ھەرقانداق ئورنىدا كۆرۈلىدۇ. بالىياتقۇغا يېقىن كۆپىيىش ئەزالىرى مەسىلەن تۇخۇمدان، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، داس بوشلۇقىنىڭ سىرتىدىن سىرت، ئىچكى پەردە ھۈجەيرىلىرى ئۈچەي يولى، بۆرەك، ئۆپكە ۋە بۇرۇن بوشلۇقىغا يېتىپ بارالايدۇ.

گەرچە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنىنىڭ غەيرىلىك كېسىلى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلسىمۇ، بىراق سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارىدىكى %10تەك تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇ كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.

032219303351100000042394

بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنى غەيرىيلىكىنىڭ زىيىنى:

1. ئىچكى غەيرىيلىك كېسىلى شەكىللەندۈرگەن ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش سوزۇلۇشچانلىق ۋە داۋاملىشىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئادەت كېلىشتىن بىر ئىككى كۈن بۇرۇنلا ئاغرىق باشلىنىدۇ، ئادەتنىڭ تۇنجى كۈنى ئاغرىق ئەڭ ئېغىر بولۇپ، كېيىنچە يېنىكلىسىمۇ، بىراق ئادەت توختىغىچە داۋاملىشىدۇ.

032219301630900000042394

2. ئىچكى غەيرىيلىك كېسىلى بىمارلىرىدا تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئادەت دەۋرىيلىكى، مىقدارى قاتارلىقلاردا نورمالسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

032219302190500000042394

3. ئىچكى غەيرىيلىك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تۇغماسلىق نىسبىتى %40-%50ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ ئاساسەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنى غەيرىيلىكىنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، تۇخۇمدان ئەتراپىنى چاپلاپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن تۇخۇم ئاجرىتىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

4. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنىنىڭ غەيرىيلىك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك قوزغىلىش ئورنى ئاساسەن بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى ئۇچىنىڭ ئارقا دىۋارى، جىنسىي يول، تۈز ئۈچەي پاسىلى قاتارلىق ئورۇنلاردا بولغاچقا، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا بالىياتقۇ ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە تەۋرىنىش، تارتىشىش يۈز بەرسە، نېرۋا توقۇلمىلىرى جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاغرىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.

5. ئادەت مەزگىلىدە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىىدا كېسەللىك ئالامەتلىرى مەسىلەن سۈيدۈك نەيچىسىگە سۇ يىغىلىش، بۆرەككە سۇ يىغىلىش، ئېغىرراقلىرىدا ھەتتا دەۋرىيلىك قان سىيىش ۋە ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

032219304028200000042394

ئەمەلىيەتتە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنىنىڭ غەيرىيلىك كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى چۈشەنمىگەچكە، ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. شۇڭا نېمىنىڭ غەيرىيلىك كېسىلى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، زۆرۈرىيەتسىز داۋالاشلارنى ئازايتقاندىلا ئاندىن كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلغىلى ۋە كېيىنكى ئېغىر ئاقىۋەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى