يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئ‍ەيدىز كېسىلى يەنە بىر خىل ئ‍اتىلىشى «ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملۇق تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 37 مىليون 900 مىڭ يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، جۇڭگودا 2019- يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 131 مىڭغا يەتكەن.

032318562232800000015581

ئ‍ەيدىز كېسىلى پۈتۈن يەر شارىغا يامراۋاتىدۇ، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىرغىچە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان دورا يوق.

ئ‍ەيدىز كېسىلى ئۈچ مەزگىل داۋاملىشىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوخشىمايدۇ. ئ‍ەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ كېسەللىك جەريانى ئاساسەن ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئ‍الدى بىلەن جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلى بولۇپ، كېسەللىك ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى يېرىم ئايدىن بىر ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بېرىدۇ، بۇ باسقۇچتا روشەن نورمالسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت باش ئاغرىش، قىزىش قاتارلىق زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە بىر ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ.

ئ‍اندىن كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان مەزگىل بولۇپ، ئادەتتە 8-6 يىلغىچە داۋاملىشىدۇ، كونكرېت ۋاقتى ۋىرۇسنىڭ سانى ۋە دەرىجىسىگە باغلىق بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا بىماردا روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى داۋاملىق زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ئ‍ەڭ ئاخىرىدا ئەيدىز كېسىلى مەزگىلى بولۇپ، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋىرۇس تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ھەر خىل تۈردىكى يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە پەيدا بولۇشقا باشلاپ، بىر مەزگىل ئىچىدە ھەر خىل راك كېسەللىكى ياكى باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

يۇقىرىقى جەرياندىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئەگەر بىمارلار دەسلەپكى يۇقۇملىنىش باسقۇچىدا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا قاتناشسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، بۇ نورمال ئادەملەرنىڭ ئۆمرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.

نۆۋەتتە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئۆزىدىن ناھايىتى يىراق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بولۇپمۇ جىنسىي جانلىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئېڭى بولۇشى، بىخەتەر بولمىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى