
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا مەيلى يەككە داۋالاش ياكى پۈتكۈل داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىدا ماسلىشىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاز دېگەندىمۇ %95تىن يۇقىرى بولغان ماسلىشىش خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر دورىنى ۋاقتىدا، مىقدارى بويىچە ئىستېمال قىلمىغاندا، ۋىرۇسنىڭ دورىغا بولغان چىدامچانلىق خەۋپى يۇقىرىلايدۇ، چۈنكى بەدەندىكى ۋە قاندىكى دورىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلىگەندە، ۋىرۇس كۆپلەپ نۇسخىلىنىدۇ، مانا بۇ دورىنى چوقۇم ۋاقتىدا مىقدارى بويىچە ئىچىش كېرەكلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر.
نۆۋەتتە ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ تۈرى چەكلىك بولغاچقا، ياخشى بولغان ماسلىشىشچانلىق ئارقىلىق بۇ لايىھەلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى تېخىمۇ بالدۇر باشلاش ئۆلچىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ماسلىشىشنىڭ داۋالاشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم بولۇشىدا مۇھىم ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
دورىنى ۋاقتىدا يېيىش دېگەن نېمە؟ قانداق بولسا ۋاقتىدا يېگەن ھېسابلىنىدۇ؟
دورا ئىچىش ۋاقتى ئالدى-كەينى بىر سائەت ئىچىدە بولسا چوڭ مەسىلە يوق. ۋاقتىدا دورا ئىچكەنسېرى ۋاقتىدا دورا يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى ھەم چۈشۈپ قېلىشتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ، 12 سائەتتە بىر قېتىم دورا ئىچىدىغانلار، ئالدى-كەينى يېرىم سائەت بولۇپ قالسا، 24 سائەتتە بىر قېتىم دورا ئىچىدىغانلار، ئالدى-كەينى بىر سائەت بولۇپ قالسا، ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
بىر نەچچە سائەت ئىچىدە دورا يېيىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى يادىغا يەتكەندە ۋاقتىدا تولۇقلىۋالسا بولىدۇ، ئارتۇقچە ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە دورا ئىچىشتىكى ماسلىشىش خاراكتېرى %95كە يەتسە، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. ئەگەر داۋاملىق ۋاقتىدا دورا ئىچىۋاتقان بولسا، تاسادىپىي بىر كۈن ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ، تەشۋىشلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، نېمىلا دېگەن بىلەن بىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمىز %95تىن يۇقىرى، %100 ئەمەس.
ماسلىشىش خاراكتېرىنى قانداق ھېسابلاش كېرەك؟
ئادەتتە بىر ئايدا تۆت قېتىم دورا ئىچمىسە، بىر ئاي دورا ئىچمىگەنگە باراۋەر بولىدۇ. ماسلىشىشچانلىقىڭىز يوق دېگەنلىك.
دورا ئىچىشتە ماسلىشىش خاراكتېر تەربىيەسى
ئالدى بىلەن دورا ئىچىشتىكى ماسلىشىش خاراكتېرىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دورىنى ۋاقتىدا يېمەسلىك، ئۇدا ئىچمەسلىك، قالايمىقان ئىچىش، ئاتلاپ ئىچىش ئەڭ قورقۇنچلۇق. ئەگەر ۋاقتىدا دورا ئىچمىسە قانداق بولىدۇ؟ مۇمكىن بولىدىغان ئەھۋال ئىككى خىل بولىدۇ، ۋىرۇسنى كونترول قىلىش تەسكە توختايدۇ، ۋىرۇس بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش، بەدەن ئاجىزلاشتىن، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ.
دورىنى ۋاقتىدا مىقدارى بويىچە ئىچىش
ھەر كۈنى دورا ئىچىش ۋاقتى نىسبەتەن مۇقىم بولۇش، مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. ئۆزىگە قولايلىق ۋاقىتنى تاللاش. ئىككى ۋاخ دورا ئىچىدىغانلار ئەتىگەن نەچچىدە ئىچكەن بولسا كەچتە شۇ ۋاقىتتا ئىچىش لازىم، يانفوننىڭ سائىتىنى دورا ئىچىش ۋاقتىغا توغرىلاپ قويۇش ئاقىلانىلىك، ئىككى ۋاخ ئىچىدىغانلار مەسىلەن: ئەتىگەن سائەت 8:00، كەچ سائەت 8:00. بىر ۋاخ ئىچىدىغانلار كەچ سائەت 8:00 دېگەندەك. بىر ۋاخ ئىچىدىغانلار ئۆزىگە قولاي ۋاقىتنى تاللاپ كۈندە شۇ ۋاقىتتا ئىچىش كېرەك.
يەتتە كۈنلۈك دورا قۇتىسىدىن بىرنى تەييارلاپ قويسا، يەنى دۈشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە ئىچىدىغان دورىلىرىنى تەييارلىۋالسا، سىرتتا بولۇپ قالسىمۇ دورا ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلىدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلار ياكى تەقدىرداشلار ئۆزئارا بىر بىرىگە ئەسكەرتىپ بېرىپ قويسىمۇ بولىدۇ. سەپەرگە چىققاندا شۇ يەردە تۇرۇش ۋاقتىغا قاراپ دورىنى زاپاس ئېلىۋېلىشنى ئادەت قىلىش كېرەك. شۇندىلا دورىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسنىڭ قايتىدىن كۆپىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدۇ. ھاياتلىق قىممەتلىك شۇڭا ئۆز ھاياتىڭىز بىلەن ئويناشماڭ.