
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەردىن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىلى بار:
چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرى: چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرىدا ئوزۇقلۇق ماددىلار بىر قەدەر مول بولۇپ، دائىم يەپ بەرگەندە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ. چۈنكى چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرىدا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولىدۇ.
تۇخۇم: تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە لېتسىتىن مول بولۇپ، مول بولغان ئاتسېتىل خولىن ھاسىل قىلىپ، مېڭە توقۇلمىلىرىغا يېتىپ بېرىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
پۇرچاق ياسالمىلىرى: پۇرچاق تۈرىدىكىلەر تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، ۋىتامىن مول، بولۇپمۇ ئاقسىل ۋە ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت قىلىشىدىكى ماددىي ئاساس، شۇڭا پۇرچاق ياسالمىلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
ئادەتتە ياڭاق، قارىغاي ئۇرۇقى، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، بۇنىڭ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار.