ئانا-بالا

بوۋاقنىڭ قىزىتمىسى قانچە گىرادۇس بولسا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ؟

 

ئەگەر بوۋاق قىزىپ قالسا، قىزىتمىنى قايتۇرۇش دورىسى بىلەن قىزىتمىنى قايتۇرغاندا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بوۋاقلارنىڭ قىزىتمىسى قانچە گىرادۇس بولسا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ؟

ئەگەر بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنداقتا قىزىتمىنى قايتۇرۇش دورىسى بىلەن قىزىتمىنى ياندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5 گىرادۇسقا يەتمىسە، فىزىكىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ، مەسىلەن سوغۇق لۆڭگە بىلەن پېشانىسىنى سۈرتۈش، ئىلمان سۇ بىلەن بەدەننى سۈرتۈش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشى كېرەك. قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بالىغا بېرىشكە بولمايدۇ، بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراش، يەنە بالىنىڭ يېشى، بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش كېرەك. قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلەتكەندە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش، قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئاتا-ئانىلارمۇ بوۋاق قىزىۋاتقان مەزگىلدە بالىغا كۆپرەك سۇ بېرىپ، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان سۇ تەركىبىنى تولۇقلاپ، بالىدا سۇسىزلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

032913133482300016091919

بالىنىڭ بەدەن ساپاسى بىر قەدەر ناچار بولسا، ئاسانلا قىزىپ قالىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ۋاقتىدا ئۆلچەپ، بىئارام بولۇش ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا بايقايدۇ. ئۇنداقتا بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.4 گىرادۇس بولسا قىزىغان بولامدۇ؟ ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ قولتۇق تېمپېراتۇرىسى 36~37 گىرادۇسقىچە بولسا ئاندىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولغان بولىدۇ، بوۋاقنىڭ قىزىتمىسى 38.4 گىرادۇسقا چىقسا قىزىغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلىپ قىزىتمىنى ياندۇرۇش ۋە قىزىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك، كېسەللىك سەۋەبىنى قاراتمىلىق ھالدا يوقاتقاندىلا ئاندىن ياخشىلانغىلى بولىدۇ.

بالا قىزىغاندا ئاتا-ئانىلار يەنە باشقا ئالامەتلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى، بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى، روھىي ھالىتىنى كۆزىتىپ، باشقا بىئارامسىزلىقلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆزىتىشى كېرەك. قىزىغان چاغدا ئالدى بىلەن كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن قاراتمىلىقى ھالدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە، يۇقىرى قىزىتما پەيدا بولۇپ تارتىشىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك. قىزىغاندا يەنە ۋاقتىدا فىزىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش لازىم، قىزىتما بەزىدە ئاسان تەكرارلىنىدۇ، ئاتا-ئانىلار دوختۇرنىڭ دورا بىلەن داۋالىشىغا ماسلىشىشى، دوختۇرنىڭ تەكلىپىنى تاكى بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈزۈل-كېسىل ئەسلىگە كەلگۈچە ئاڭلىشى كېرەك.

 


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى