
ۋىتامىن C تېرە ئاستىدا، قاندا، ھۈجەيرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئويناپ، كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە قاتنىشىدۇ.
ۋىتامىن C كەمچىل بولغاندا، كوللاگېن ئاقسىلى توسالغۇغا ئۇچراپ، جاراھەتنىڭ ساقىيىشى ئاستىلايدۇ ۋە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قانايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنىنىڭ بىرىكىشى ۋە قويۇپ بېرىلىشىمۇ ۋىتامىن Cغا موھتاج.
ۋىتامىن C ئانتىتېلانىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ئەگەر بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار مەسىلەن: قوغۇشۇن، بېنزول، بارىي ۋە بەزى دورىلار ۋە باكتېرىيە، زەھەرلىك ماددىلار يىغىلىپ قالسا، كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىنسا زەھەرنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.