ساغلاملىق بىلىملىرى

جىگەر ياللۇغىنىڭ ھەممىسى يۇقۇمچانلىققا ئىگىمۇ؟

ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەممىمىزگە مەلۇم، جىگەر ياللۇغىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ. ئەگەر جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ئۈنۈملۈك داۋالانمىسا، جىگەر قېتىشىش، جىگەر راكى، ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق خەتەرلەرگە دۇچ كېلىدۇ.

033112250022300003877527

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادا 325 مىليونغا يېقىن كىشى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار 257 مىليون كىشى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار 71 مىليون كىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ سانىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ زور سىتاستىكىغا سېلىشتۇرغاندا، كۆپچىلىكنىڭ جىگەر ياللۇغىغا بولغان تونۇشى چەكلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن خاتا قاراشلارمۇ مەۋجۇت. بۈگۈن بىز بىرلىكتە بۇ خاتا قاراشلارنى چۈشىنىپ باقايلى:

بىرىنچى خاتا قاراش: بارلىق جىگەر ياللۇغى يۇقۇمچانلىققا ئىگە.

بارلىق جىگەر ياللۇغى يۇقۇمچانلىققا ئىگە ئەمەس. كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارغا ئاساسەن، جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، دورا مەنبەلىك جىگەر ياللۇغى، ئىسپىرتلىق جىگەر ياللۇغى، مايلىق جىگەر ياللۇغى ۋە ئۆز ئىممۇنىتېتلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولۇپ، باشقا تۈردىكى جىگەر ياللۇغى يۇقۇمچانلىققا ئىگە ئەمەس.

ئىككىنچى خاتا قاراش: جىگەر ياللۇغىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ

جىگەر ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ-يوق، بۇ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ئېغىر جىگەر ياللۇغى بىلەن ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان بىمارلاردىن باشقا بىمارلارنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغى سوزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كەتسە، كۆپ ساندىكىلىرىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسى بار بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلارنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. D تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن بىللە داۋالاشقا توغرا كەلسە، داۋالاپ ساقايتىش تەس. ئىسپىرتلىق ۋە غەيرىي ئىسپىرتلىق جىگەر ياللۇغىدا، ئەگەر روشەن تالالىشىش كۆرۈلسە، داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. دورا مەنبەلىك جىگەر ياللۇغىدا دورا ۋاقتىدا توختىسا، داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. بەدەن ئىممۇنىتېت خاراكتىرلىك جىگەر ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، قالغانلىرىنى ئۆلچەملىك داۋالاش ئارقىلىق داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. جىگەر ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ-يوق، ئەمەلىي كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىش، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۆمۈرلۈك ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى بولۇپ تۇرالايدۇ

جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى بىر ئۆمۈر ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا بولمايدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇم، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغان جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، D تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، E تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە A تىپلىق جىگەر ياللۇغى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بار، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى يوق، E تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ۋاقتىنچە ئومۇملاشمىدى.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى مىسالغا ئالساق، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن پەيدا بولغان ئانتىتېلا تەخمىنەن 12 يىل داۋاملىشىدۇ. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۈزەكى كېسىلىنى قەرەللىك تەكشۈرۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما خەتىرى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا قارشى تۇرۇش ھۈجەيرە مىقدارىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر 10IU/ml دىن كىچىك بولسا، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى