ساغلاملىق بىلىملىرى

ياشانغانلارنىڭ پېيى تارتىشىپ قالسا كالتسىي كەملىك بولامدۇ؟

 

033123595394300016061200

ياشانغانلارنىڭ پېيى تارتىشىپ قالسا چوقۇم كالتسىي كەملىكتىن بولامدۇ؟ بۇ پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سەۋەب، باشقا سەۋەبلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

1. قېرىش

ياشانغانلارنىڭ كەچتە ئۇخلىغاندا ئاسانلا پېيى تارتىشىپ قېلىشى بەدەن ئىقتىدارىنىڭ قېرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەدەننىڭ تۈرلۈك فۇنكسىيەلىرى ئاجىزلىشىپ، مېتابولىزم تۆۋەنلەپ، قان ئايلىنىش راۋان بولماي، مېتابولىزم ھاسىلاتلىرى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلماي بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە مۇسكۇللارنى غىدىقلاپ، مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

040100050697900016061200

2. بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش

ئەگەر ياشانغانلاردا پېيى تارتىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆپ يۈز بەرسە، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك، چۈنكى بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىشمۇ ياشانغانلارنىڭ پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كەلتۈرۈپ چىقارغان پەي تارتىشىشنى ئاساسلىقى نېرۋا يىلتىزىنىڭ بېسىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ.

3. پۇت ئارتېرىيەسى توسۇلۇش

پۇت ئارتېرىيەسى بوتقىسىمان قېتىشىپ، ئارتېرىيە تارىيىپ توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۇتقا ئاستا خاراكتېرلىك قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرسە، ياشانغانلاردا ئاسانلا پەي تارتىشىپ قېلىش، يەنە پۇت ئىششىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىنىش كېرەك.

040100173769500016061200

ياشانغانلارنىڭ تەكرار پېيى تارتىشىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

1. ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش

ياشانغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بەرسە، پۇتنى ئىسسىتىپ، پۇتنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. يۇمشاق، راھەت پايپاق كىيىپ ئۇخلىغاندا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئۇۋۇلىسىمۇ بولىدۇ، ئۇۋۇلاش ئارقىلىق پۇتنىڭ مۇسكۇللىرىنى بوشىتىپ، پەي تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. كۆپرەك ئوزۇقلۇق تولۇقلاش

ياشانغانلاردا سۆڭەك ماددىسى ئېقىپ كېتىش بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، شۇڭا كالتسىي تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىتامىن، ماگنىي، كالىي تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، مۇسكۇل تالالىرىنىڭ قوزغىلىشىنى نورماللاشتۇرغىلى بولىدۇ. ياشانغانلار ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشى، تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىشى، يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا، پەي تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

3. تەنتەربىيە چېنىقىشىنى پائال ئېلىپ بېرىش

ياشانغانلار چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشى كېرەك، بەدەن چېنىقتۇرغاندا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەكنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگىلى بولىدۇ. چېنىققاندا ئاسراشقا دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ياشانغانلارنىڭ چېنىقىش جەريانىدا يارىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى