
سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
گۈل چېڭى سەزگۈرلۈكىنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟
1. گۈل چېڭى خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى
گۈل چېڭىغا سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى بولسا بۇرۇنى قىچىشىش، نەپەس راۋان بولماسلىق، بۇرۇنى پۈتۈش ۋە چۈشكۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنداق ھالەتتىكى بىمارلار فىزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن دائىم بۇرۇن بوشلۇقىنى چايقاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بىئاراملىق ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ؛ شۇنداقلا بۇرۇنغا گۈل چېڭىنى توسقۇچى دورا سۈركىسە ياكى زىيادە سېزىشچانلىققا قارشى دورا سۈركىۋالسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا گۈل چېڭى دانچىلىرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
2. گۈل چېڭىغا زىيادە سەزگۈر بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى
گۈل چېڭىغا زىيادە سەزگۈر بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بولسا كۆزى قىچىشىش، قاپىقى ئىششىش، شۇنداقلا سۇلۇق ياكى يىرىڭلىق شىلىمشىق ئاجرالمىلار قوشۇلۇپ كېلىشتىن ئىبارەت. كۆز قىچىشقاندا، ئالدى بىلەن كۆزىڭىزنى چىڭ يۇمۇپ، قولىڭىزنى پاكىز يۇيۇڭ، كۆزنىڭ ئەتراپىنى ئاستا ئۇۋۇلاڭ، لېكىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆز ئالمىسىغا تېگىپ قالسا بولمايدۇ. دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھورمۇن تۈرىدىكى كۆز مەلھىمىنى توغرا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
3. گۈل چېڭىغا زىيادە سەزگۈر زىققا كېسىلى
گۈل چېڭىغا زىيادە سەزگۈر زىققا كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى بولسا تۇيۇقسىز يۆتىلىش، مەيدىسى چىڭقىلىپ ئاغرىش ۋە دېمى سىقىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئادەتتە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورىلارنى ئىچىش كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا سېزىمچانلىقنى يوقىتىدىغان داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىش كېرەك، بىراق داۋالاش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
گۈل چېڭىغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر سىرتقا چىققاندا ئامال بار قوغدىنىش كۆزئەينىكى ۋە ماسكا تاقىۋېلىش، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ يۇيۇنۇش، بۇرۇن بوشلۇقىنى تازىلاش، پاكىز كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇش، گۈل چېڭىنى ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىرىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا(0 باھا بار )
- 2020: قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ(0 باھا بار )
- 2020: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟(0 باھا بار )
- 2020: ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش(0 باھا بار )