يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

باھار پەسلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئېھتىيات قىلىڭ

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

باھار پەسلى بىر يىل ئ‍ىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىل، شۇنداقلا ساياھەت ۋە دەم ئېلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى، لېكىن سىرتقا چىققاندا چوقۇم ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ دائىم كۆرۈلىدىغان بۇ ئۈچ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

040100264442400000015581

1. قىزىل

قىزىل قىزىل ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، ھەر يىلى 3-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان مەزگىل قىزىلنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك قوزغىلىش يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كېسەللىك ۋىرۇسى تارقىلىشى تېز، يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلىتىمىزدە بەلگىلەنگەن B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تەۋە.

قىزىل كېسىلى بىمارلىرى بىردىنبىر يۇقۇش مەنبەسى بولۇپ، ۋىرۇس تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ ياكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ بۇرۇن، يۇتقۇنچاق ئاجرالمىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن تارقىلىدۇ، كىشىلەر توپى ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ئاساسلىق ئالامەتلىرى قىزىش، قىزىل داغلىق دۆڭچە ئەسۋە چىقىش ھەمدە يۆتىلىش، پوتلىسى ئېقىش، ياش ئېقىش، نۇردىن قورقۇش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئايرىم كېسەللەردە يەنە ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.

040100270119700000015581

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەشتىن ئىبارەت.

قىزىل كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلدە، كۆپچىلىككە تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىمىز.

(1). ئۆزىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ماسكا تاقاشقا دىققەت قىلىش ھەمدە ئادەم كۆپ، قىستاڭچىلىق، ھاۋا ئۆتۈشۈشى راۋان بولمىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك.

(2). ئەگەر قىزىش، ئەسۋە چىقىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش، كېسەل كۆرسەتكەندە ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك. ئەگەر دوختۇرخانا قىزىل دەپ دىياگنوز قويسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ۋە ئايرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، كېسەل تۇرۇپ ئىشقا بارماسلىق ياكى مەكتەپكە بارماسلىق، ۋىرۇسنى ئائىلىسىدىكىلەرگە، ساۋاقداشلىرىغا ياكى خىزمەتداشلىرىغا يۇقتۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

(3). ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەپ، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى چوقۇم ۋاكسىنا ئەملەش ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ ئالدىن كېلىشىپ قويغان ۋاقتى بويىچە بالىلارغا قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملىتىشى كېرەك.

(4). سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان كارخانا، سودا، مۇلازىمەت ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلار مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش ئامبولاتورىيەسى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىزمەتچىلەرنى قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەشكە پائال تەشكىللىشى كېرەك. كۆپچىلىك سودا ساراي، كىنوخانا، دوختۇرخانا قاتارلىق كىشىلەر بىر قەدەر كۆپ جايلارغا بېرىپ، ماسكا تاقاپ، مۇۋاپىق مۇداپىيەلىنىشى، بولۇپمۇ ھەمراھ بولۇپ كېسەل كۆرسەتكەن، ئوكۇل سالدۇرغاندا، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، دوختۇرخانىدا تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك.

040100283318700000015581

2. يەلتاشما

يەلتاشما يەلتاشما ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىكى بولۇپ، باھار پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ، كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، دەسلەپتە قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كېيىن يۈز قىسمىدا ئالدى بىلەن سۇس قىزىل رەڭلىك داغلىق دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولۇپ، تېزلىكتە پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدۇ.

بالىلار بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، ئادەتتە كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك بولىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار يەلتاشمىغا گىرىپتار بولسا، ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى ياكى تۇغما كەمتۈكلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: تۇغما يۈرەك كېسىلى، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش، گاسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، يەنى تۇغما يەلتاشما يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى.

ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەرتىپ بويىچە ۋاكسىنا ئەملىمىگەن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، دەرھال شۇ جايدىكى ۋاكسىنا ئەملەش ئامبولاتورىيەسىگە بېرىپ ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك، ئىلگىرى ۋاكسىنا ئەملەش تارىخى ئېنىق بولمىغان قورامىغا يەتكەنلەرمۇ، يەلتاشما تەركىبى بار ۋاكسىنىنى ئەملىشى كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەپ باقمىغان بالىلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەر ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئادەم توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز بېرىشى، ھامىلىدار ئاياللار يەلتاشما بىمارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئ‍ۇنىڭدىن باشقا، دائىم ئۆينىڭ دېرىزىلىرىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئەگەر قىزىش، ئەسۋە چىقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش، يەلتاشما دەپ دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

040100285921600000015581

3. سۇ چېچىكى

سۇ چېچىكى-بەلباغسىمان قوقاق ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى نەپەس يولى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ۋە سۇ چېچىكى قاپارتما سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان نەرسە-كېرەكلەر ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ، مەسىلەن: ئويۇنچۇق، ئوقۇش قوراللىرى، ئىشىك تۇتقۇچ قاتارلىقلار. باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئوخشاش، سۇ چېچىكىنىڭ تارقىلىش پەسلى بار. ھەر يىلى 5-ئايدىن 7-ئايغىچە، 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 1-ئايغىچە كېسەللىك قوزغىلىش يۇقىرى پەللىسى بولىدۇ.

بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، كىشىلەر توپى ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، لېكىن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تارقىلىش مەزگىلىدە، سۇ چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، دەسلەپكى مەزگىلدە قىزىش، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

سۇ چېچىكى قوزغالغاندا، ئەسۋە ئالدى بىلەن باش ۋە گەۋدە قىسمىدا پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي پۇت-قوللارغا كېڭىيىدۇ، دەسلەپتە قىزىل ئەسۋە، كېيىن دۆڭچە ئەسۋە بولۇپ، يەنە قاپارتمىغا ئۆزگىرىدۇ. قوقاق چىقىپ بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن، قوقاق مەركىزىدىن باشلاپ قۇرۇپ قاقاچ تۇتىدۇ، ئەتراپىدىكى تېرە قىزىرىدۇ، ئاندىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قاقاچ سويۇلۇپ چۈشىدۇ. ئوخشاش بىر ئورۇندا دائىم داغلىق دۆڭچە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتما، قاقاچ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ. ئەگەر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلمىسە، ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

040100293388800000015581

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سۇ چېچىكى بىمارلىرى بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش مەنبەسى بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بىمارلار ئاسانلا سەل قارىلىدۇ ياكى خاتا دىياگنوز قويۇلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ياكى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۇ چېچىكى ئەجەللىك كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن. كۆپ ساندىكى بەلباغسىمان قاپارتما 50 ياشتىن يۇقىرى ياكى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەردە يۈز بېرىدۇ. ئادەتتە قورامىغا يەتكەنلەر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر قېتىم سۇ چېچىكى چىقىپ قالسا ئۆمۈر بويى بىخەتەر بولىدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەندە، ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

سۇ چېچىكى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلدە، كۆپچىلىك تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

(1). ئۆزى ياكى بالىسىدا قىزىش، ئەسۋە چىقىش قاتارلىق بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ دىياگنوز قويدۇرۇش، كېسەل كۆرسەتكەندە ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك. ئەگەر سۇ چېچىكى دەپ دىياگنوز قويۇلسا، ئائىلىدە ئايرىپ داۋالاش، كېسەل تۇرۇپ ئىشقا بارماسلىق ياكى مەكتەپتە ئوقۇماسلىق، باشقىلارغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

(2). ئايرىش مەزگىلى سۇ چېچىكى قاپارتمىسىنىڭ ھەممىسى قاقاچ ياكى ئەسۋە پۈتۈنلەي يوقالغانغا قەدەر بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، دوختۇرخانا بۆلىكىدىكى ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىگە بېرىپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىسپاتى ئېلىشى كېرەك، مەكتەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ كەلسە بولىدۇ.

(3). مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى بالىلارنىڭ سۇ چېچىكى كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشى، سۇ چېچىكى كېسىلى بايقالغاندا، دەرھال شۇ ئورۇنغا قاراشلىق مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

(4). سۇ چېچىكى يۇقۇمى كۆرۈلگەن ئورۇنلار كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تارماقلىرىنىڭ تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى