
ئەمدىلا بالا تۇغقان ھەر بىر ئانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ «ئۇف ئەمدى يېنىكلەپ قالىمەن» دەپ ئويلىغىنىدا، لېكىن ھەقىقىي «جاپالىق كۈنلەر»نىڭ ئەمدى باشلانغانلىقىنى، بالا ئېمىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنىڭ ئانا بولغۇچىنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ، ھەر كۈنى بالا يىغلىسا بوۋاقنىڭ تويماي قېلىشىدىن ئەنسىرەش، سۈتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن ئەنسىرەش، يېگەن نەرسىنىڭ بالىغا زىيان قىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەش ۋە قۇرقۇشلار…چارچاشلارنى دېمەيلا قويايلى…
گۈلقىز ئانا بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان بىر ئىشنى باشتىن ئۆتكۈزدى، ئەسلىدە سۈتى بالىسىغا يېتەتتى، لېكىن ئۇ دوستى بىلەن سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سۈتىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان. بولمىسا قالايمىقان بىرەر نەرسە يېگەندەكمۇ قىلمىغان، شۇ چاينى كۆپرەك ئىچكەنلىكى يادىغا كېلىپ توردىن ئىچكەن چېيىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مېھمانخانا تەمىنلىگەن ھېلىقى چاينىڭ ئارپا چېيى ئىكەنلىكىنى، سۈت قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەنلىكىدىن بەك پۇشايمان قىلغان.
بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار چوقۇم ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، ناۋادا سۈت قايتۇرۇپ قالسا، قايتىدىن سۈت كەلتۈرۈش ئىنتايىن ئازابلىق ھەم بەك تەس بولىدۇ. بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن باشقا، يەنە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ بوۋاقلارغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئانىلار بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى ئامال بار يېمەسلىك كېرەك.
1. تېتىتقۇ: بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئانا تېتىتقۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىشى كېرەك، چۈنكى تېتىتقۇنىڭ تەركىبىدە ناترىي گلۇتامات بار بولۇپ، بالىغا سۈت ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈپ، بوۋاقنىڭ سىنىكنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەگەر بوۋاقتا سىنىك كەم بولسا، بوۋاقنىڭ بەدىنى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
2. خام، سوغۇق يېمەكلىكلەر: بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئانا خام سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، بالىغا ئىچى سۈرۈش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
3. ئاچچىق يېمەكلىكلەر: بەزى ئانىلار ئاچچىق نەرسىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە چوقۇم يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا بوۋاق سۈت ئەمگەندە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ، قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ.
4. تەركىبىدە ئىسپىرت بولغان ئىچىملىكلەر: بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئىسپىرت، قەھۋە، چاي تەركىبى بولغان ئىچىملىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. بۇ ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى تەركىبلەر بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
5. شاكىلات: بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە شاكىلاتنىمۇ ئوخشاشلا يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى شاكىلات تەركىبىدىكى تېئوبرومىن سۈت ئارقىلىق بالىنىڭ تېنىگە كىرىپ، بالىنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلاپ، ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇپ، يىغلاپ توختىماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا(0 باھا بار )
- 2020: قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ(0 باھا بار )
- 2020: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟(0 باھا بار )
- 2020: ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش(0 باھا بار )