يۇقىرى قان بىسم

يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالىتىشتىكى بىر قانچە خاتا قاراش

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۇرمۇشتا بىز دائىم بەزى كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيلا تۇيۇقسىز بىر كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ زادى قانداق ئىش؟ مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن تاشقى زەخىم، سېمىزلىك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ غەيرىيلىكى، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن %90 ئەتراپىدىكى مېڭىگە قان چۈشۈش يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر بىلىدۇ لېكىن دىققەت قىلمايدۇ.

نېمە ئۈچۈن مېڭىگە قان چۈشىدۇ؟

مېڭىگە قان چۈشۈش زەخىملىنىش خاراكتېرلىك مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان مېڭىگە قان چۈشۈش دەپ ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاشقى زەخىملىنىش خاراكتېرلىك مېڭىگە قان چۈشۈش دەل سوقۇلۇپ كېتىش قاتارلىق تاشقى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان مېڭىگە قان چۈشۈشتۇر، ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولىدىغان مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى بىر قەدەر كۆپ، مەسىلەن قان تومۇرنىڭ غەيرىيلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان يېرىلىش، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلار بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغىنى يۇقىرى قان بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭىگە قان چۈشۈشتۇر، قان بېسىمى خۇددى سۇ تۇرۇبىسىدىكى سۇغا ئوخشاش ئىزچىل ھالدا قان تومۇرغا بەلگىلىك بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئەگەر مېڭە قان تومۇرلىرى قېرىسا ھەم قان بېسىمى يۇقىرى بولسا مېڭىگە قان چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ.

040112410513900000007059

يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالىتىشتىكى بىر قانچە خاتا قاراش

نۇرغۇن كىشىلەردە يۇقىرى قان بېسىمى بار بولۇپ، داۋالىتىشتا بەزى خاتا قاراشلار مەۋجۇت، بۇ يەردە كۆپچىلىككە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمىز:

1. كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا دورا ئىشلەتمەسلىك

بەزى كىشىلەردە تەكشۈرۈشتە يۇقىرى قان بېسىمى بارلىقى بايقىلىدۇ، لېكىن ھېچقانداق بىئاراملىق ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. ئۇلار قان بېسىمى ئازراق يۇقىرىلاپ قاپتۇ شۇ، يەپ-ئىچىشىمگە تەسىر يەتكۈزمىدى، ھېچقانداق بىئاراملىق ھېس قىلىپمۇ كەتمەيمەن، شۇڭا دورا ئىچمىسەممۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى ئۇنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى يۇقىرى قان بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر، بولۇپمۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش، مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىقلاردۇر. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا ھەتتا جانغا زامىن بولىدۇ، مېڭىگە قان چۈشكەندىن كېيىن ۋاقتىدا داۋالانغان تەقدىردىمۇ نۇرغۇن كىشىلەردە ئۆمۈرلۈك كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ.

2. دوختۇرنىڭ تەلىپى بويىچە دورا ئىچمەسلىك

بەزىلەر يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ تەلىپى بويىچە ھەر كۈنى ۋاقتىدا دورا ئىچمەي، دائىم دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئېسىگە كېلىپ قالسا بىر ۋاخ ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ئىچىدۇ. دورا مىقدارىنى خالىغانچە كۆپەيتىدۇ ياكى ئازايتىدۇ، ياكى بولمىسا بىر مەزگىل دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن قان بېسىمىنىڭ ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىنى بىلىپ دورا ئىشلىتىشنى توختىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا قان بېسىمىنىڭ دائىم داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ئاسانلا يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. پەقەت دورىلا ئىچىپ، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلماسلىق

بىر قىسىم يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دورا ئىشلەتسەكلا ھەممە ئىش پۈتىدۇ دەپ قاراپ، تۇرمۇشتا يەنىلا ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇقىرى قان بېسىمىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، شۇڭا دورىنى قانۇنىيەتلىك ئىشلەتكەندىن سىرت، يەنە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تۇزلۇق تاماق يېيىش، تۈنەش، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش قاتارلىق خەتەرلىك ئادەتلەرنى تۈزىتىش كېرەك. ئەگەر خەتەرلىك ئامىللارنى يوقاتماي، پەقەت دورا يېگەندە، قان بېسىمىنىڭ مۇقىم بولۇشى ناھايىتى تەس.

4. پەقەت دورىلا ئىچىپ، قان بېسىمىنى ئۆلچىمەسلىك

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قان بېسىم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۆيىدە چوقۇم قان بېسىم ئۆلچىگۈچ بولۇشى كېرەك. قان بېسىمنى ۋاقتىدا ئۆلچەپ تۇرغاندا قان بېسىم ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ قان بېسىمىنى كونترول قىلىشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغان-بولمىغانلىقىنى، دورا قوشۇش ياكى ئازايتىشنىڭ زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

خۇلاسە: مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، قان بېسىمىنى كونترول قىلىش مۇھىم ھالقا. مېڭىگە قان چۈشكەن ئون مىسالنىڭ توققۇزى مۇشۇ سەۋەبدىن كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، مۇقىم قان بېسىمى بولغاندىلا، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتقىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى