
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، نۇرغۇن يۇقىرى مەلۇماتلىق ئاياللار بالىلىق بولۇشنى خالىمىدى، ئۇلارنىڭ بالىلىق بولماسلىقىدا ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىر تەرەپتىن ھامىلىدار بولۇش ئۇزاق جەريان بولۇپ خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ھامىلىدار بولۇپ قالسا بەدەن شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشى ناھايىتى تەس. بۈگۈن ئىككىنچى كۆز قاراشقا نۇقتىلىق قاراپ باقايلى.
نۇرغۇن قىزلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆز قارىشى بار، چۈنكى تۇرمۇشتا نۇرغۇن قىزلار ھەقىقەتەن ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى شىددەت بىلەن ئاشىدۇ، ئەمما سەمرىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى ھامىلىدار بولۇشقا ئىتتىرىپ قويۇش مۇۋاپىق ئەمەس. نۇرغۇن ئايال چولپانلار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، بەدەن قىياپىتى يەنىلا ناھايىتى ياخشى بولغان، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق شۇنى بايقىدۇقكى، ئايال چولپانلار ھامىلىدار بولغاندىمۇ يەنىلا ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى كونترول قىلغان. نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللار ھەرىكەت قىلىشنى خالاپ كەتمەيدۇ، ئۇلار ھەرىكەت ھامىلىنى زەخىملەندۈرىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۆپ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ناھايىتى پايدىسى بار.
1. تۇغۇلغان بوۋاق تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھەرىكەت ئانىلارغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بالىلارغا تېخىمۇ پايدىلىق. بىر تەرەپتىن ئاياللار ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بەدىنىدىكى ئارتۇقچە ياغلارنى خورىتىپ، بەدىنىنى تېخىمۇ زىلۋا قىلالايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرىكەتتىن كېيىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېنى تېخىمۇ ساغلام بولۇپ، ئاياللارنىڭ سېمىزلىك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.
2.تۇغۇتى ئاسان بولۇش
سېمىزلىك ۋە دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇشى بىر قەدەر قىيىن بولغاچقا، خەتەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا دوختۇرلار ئادەتتە قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇشنى تاللايدۇ. دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان ئاياللار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ھەرىكەت قىلىش سەۋەبىدىن ساغلام بولغاچقا، بالا تۇغۇشتا يېتەرلىك كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە. ئەلۋەتتە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرماقچى بولسا، چوقۇم ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن، تۆۋەندە بىز بىرلىكتە ئۆگىنەيلى:
1. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى چوقۇم كىچىك بولۇشى كېرەك.
دەسلەپكى مەزگىلدە ھامىلە تېخى ياخشى يېتىلمىگەن بولغاچقا، بىر قەدەر كۈچلۈك ھەرىكەت بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ يەردە كۆپچىلىككە سەيلە قىلىش، يوگا، گۈزەللىك گىمناستىكىسى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ ھەرىكەتلەر ناھايىتى يېنىك ھەم سىلىق بولۇپ، يەنە بىر قەدەر ياخشى چېنىقىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى سەھەردە قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھاۋانىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، سالامەتلىككە پايدىلىق.
2. ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ھەرىكەت مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك.
بۇ مەزگىل ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار بۇ مەزگىلدە سۇ ئۈزۈش، ئۇسسۇل ئويناش، يوگا قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلسا بولىدۇ، ھەرىكەت مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرغاندا تەن ساغلاملىقىنى ساقلاپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بىر قاتار كېسەللىكلەر، يەنى دىيابېت، سېمىزلىك كېسەللىكلىرىنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرغىلى، شۇنداقلا بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى نىسبەتەن ساغلام بولغان ئارىلىقتا ساقلىغىلى بولىدۇ، بۇ ھەم تۇغۇتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا پايدىلىق.
3. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھەرىكەت تۇغۇت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشتۇر.
تۇغۇتقا ئاز قالغاندا، نۇرغۇن ئاياللار ھەرىكەتتىن توختاپ تۇغۇتنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئانچە ياخشى ئەمەس. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئاياللار داس بوشلۇقى ھەرىكىتى، سوزۇلۇش گىمناستىكىسى قاتارلىقلارنى قىلىپ بەرسە بولىدۇ. بۇنداق ھەرىكەت بەدەننىڭ ئەۋرىشىملىكى ئاشۇرۇپ، داس بوشلۇقى مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپ، تۇغۇتنىڭ تېخىمۇ ئاسان بولۇشىغا ياردىمى بولىدۇ.
خاتىمە: ھامىلىدار بولغاندا نۇرغۇن ئاياللار بىر كىچىك جان ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈپ كەتسە قانداق قىلىمەن دەپ ئەندىشىدە بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئېھتىيات قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، يەنىلا ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلىدىكى ھەرىكەت مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەرىكەت ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. قىسقىسى، ھەرىكەت ناھايىتى مۇھىم، ھەر قايسى ئانا بولۇش ئالدىدىكى ئۇماق ئانىلار ئەمدى ھۇرۇنلۇق قىلماڭلار.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا(0 باھا بار )
- 2020: قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ(0 باھا بار )
- 2020: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟(0 باھا بار )
- 2020: ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش(0 باھا بار )