
1. تېرىنىڭ سىرتقى زەخمىسى ـ يود (碘伏)، ئىسپىرت.
پىلتىگۈچنى يودقا تەگكۈزۈپ، يارا ئېغىزىغا سۈرسە، دېزىنفېكسىيە قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ.
2. دانىخورەك ياكى تۈك خالتىسى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولسا: فۇشىدى كىسلاتا مەلھىمى (夫西地酸乳膏)، مۇرەككەپ پولىمىكسىن B مەلھىمىنى (复方多粘菌素B软膏) دانىخورەك، تۈك خالتىسى ياللۇغى بار ئورۇنغا سۈرسە بولىدۇ، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولغان تېرە مەسىلىسى بولسا، دېزىنفېكسىيە دورىسى پەقەت سىرتقى يۈزدىكى باكتېرىيەلەرنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدۇ، بۇ ئىككى مەلھەم دورا ياللۇغ قايتۇرۇپ، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
3. قول – پۇت تەمرەتكىسى: چۈمى شىن مەلھىمى (曲咪新乳膏)، بۇ مەيلى زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش ياكى تېرە ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان تەمرەتكە بولسۇن، ھەممىسىنىڭ كېسەللىك ئاسارىتىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
4. سارغۇچ قوڭۇر داغ: تېرىسى قارامتۇل سېرىق، يىرىك بولىدۇ، سېلېنونىكوتىنىك كىسلاتا c تابلېتكىسى (硒烟酸c片) بولسا تەركىبىدىكى سېلېن، ۋىتامىن c ئارقىلىق بەدەندىكى قارا پىگمېنتلارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تەڭشەپ، داغلارنى سۇسلاشتۇرۇپ، سېرىقنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدۇ، لېكىن بۇنى داۋاملىق ئىشلىتىش كېرەك.
5. ھۆل تەمرەتكە، دۆڭچە ئەسۋىلىك يەلتاشما: ھىدروكورتىزون بۇتىرات (丁酸氢化可的松)، بۇ ئاجىز ئۈنۈملۈك ھورمۇن، بىراق ھۆل تەمرەتكە پەيدا بولغاندىمۇ سۈركىسە بولىدۇ. لېكىن ئۇزاق مۇددەت سۈركەشكە ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇزاق مۇددەت سۈركىسە تېرىنى قورۇق بېسىپ، قىل قان تومۇرلارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
6. ئاپتاپتا كۆيۈش، كۆيۈپ يارىلانغان تېرىدە قىزىش سېزىمى پەيدا بولسا: فىزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيىنى (生理盐水) سوغۇق ئۆتكۈزۈش سۇيۇقلۇقى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، تېرىدە ئوتتەك قىزىش سېزىمى پەيدا بولغاندا، لۆڭگىنى تۇز سۈيىدە ھۆل قىلىپ تېرىگە سۈركىسە بولىدۇ.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا(0 باھا بار )
- 2020: قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ(0 باھا بار )
- 2020: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟(0 باھا بار )
- 2020: ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش(0 باھا بار )