بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ تىرنىقىنى چىشلىشىنىڭ سەۋەبى

  1. ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

0402201259640000000000000096

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بالىلاردا تىرناق چىشلەش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %10 ئەتراپىدا بولىدىكەن. تىرناق چىشلەش ئادەتتە ئاڭسىز ھەرىكەت بولۇپ، كۆپىنچە جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىش، دىققىتىنى چېچىش قاتارلىقلار ئۈچۈن بىر خىل ناچار ئادەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل قىلمىش بىر خىل پىسخىكا نورمالسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بالىلاردا پىسخىكىلىق كۆلەڭگىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، تىرنىقىنى چىشلەش ئادەتتە بالىلارنىڭ كەيپىياتى جىددىيلەشكەن ياكى ھەسرەتلەنگەن ۋاقىتتا يۈز بېرىدىكەن ھەمدە ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش، چىشىنى غۇچۇرلىتىش، بارمىقىنى شوراش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدىكەن.

بالىلار تىرنىقىنى چىشلىگەندە ئادەتتە ئون بارمىقىنىڭ قايسى ئۇدۇل كەلسە شۇنى چىشلەيدۇ، دائىم چىشلەنگەن تىرنىقى قىسقا ھەم تەكشى بولمايدۇ. بەزى بالىلار دىققىتىنى مەلۇم بىر نەرسە جەلپ قىلغان ياكى روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە يېنىدىكى باشقا نەرسىلەرنى، مەسىلەن قېرىنداش، قولياغلىق قاتارلىقلارنى چىشلەيدۇ. تىرناقنى قايتا-قايتا چىشلىسە، تىرناق ۋە بارماقنىڭ تېرىسىگە زىيان يېتىپ، تىرناقنىڭ ئەركىن گىرۋىكى يىرىكلىشىپ، تىرناق گىرۋىكىنىڭ تۆت ئەتراپى قاناپ غەيرىيلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا تىرناق ئېرىقچىسى ياللۇغى، تىرناق ئەتراپىدىكى سۆگەل، چىش مىلىكى ياللۇغى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەگەر بالىلار تىرنىقىنى چىشلىسە، ئاتا-ئانىلىرى دائىم بالىلىرىنى ئەيىبلەيدۇ، ھەتتا جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. لېكىن نەتىجىدە ھەمىشە ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي، بالىلار ئۇنى تۈزەتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە بۇ خىل قىلمىش تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللانغاندىلا، كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ تىرنىقىنى چىشلەش ھەرىكىتى ناھايىتى تېزلا ئۆزگىرىدۇ.

بالىنىڭ تىرنىقىنى چىشلەيدىغان يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتە ئالدىنى ئېلىشتىن مۇھىم. بىرىنچىدىن، ئائىلە باشلىقلىرى بۇ ھالەتنى توغرا تونۇشى كېرەك، بالىلارنىڭ تىرنىقىنى چىشلىشى بىر خىل پىسخىكا نورمالسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلسا، ئۆزىنى يارىلاندۇرۇش قاتارلىق روھىي، جىسمانىي توسالغۇلار ۋە باشقا ئېغىر پىسخىكا كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، ئائىلە باشلىقلىرى ئىناق، كۆڭۈللۈك ئائىلە كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بالىلارنىڭ ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ تىرنىقىنى قەرەللىك ئېلىپ، تىرناق يۇقۇملىنىش ۋە يۈزەكى تېرە زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى