
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ساغلاملىق بولسا بەدەن ساغلاملىقى ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىدىن ئىبارەت ئىككى ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ( WHO )نىڭ ساغلاملىققا بەرگەن ئېنىقلىمىسى مۇنداق: ساغلاملىق پەقەت كېسەلگە گىرىپتار بولمىغان ھالەتلا ئەمەس بەلكى بىر ئادەمنىڭ تېنى مۇكەممەل، روھى ساغلام ۋە ياخشى بولغان جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بىر خىل ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.
تەن ساغلاملىقىنىڭ ئۆلچىمى مۇنداق:
1. زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، جىددىيلەشمەيدۇ، ئاسان چارچىمايدۇ
2. ئۈمىدۋار، ئاكتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى
3. دەم ئېلىشقا ماھىر، ئۇيقۇسى ياخشى
4. ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى ياخشى
5. كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك
6. بەدەن ئېغىرلىقى مۇۋاپىق، بەدەن شەكلى تەكشى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك
7. كۆزى نۇرلۇق، ئىنكاسى ئۆتكۈر
8، چىشى پاكىز، چىشى ساغلام، چىش رەڭگى نورمال.
9. چېچى پارقىراق، كېپەك يوق
10. مۇسكۇللىرى تولغان، ئېلاستىكلىققا ئىگە، قەدىمى يەڭگىل
پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچىمى مۇنداق:
دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق پىسخولوگ ۋاڭ دېڭفېڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، يىغىنچاقلاپ خۇلاسىلەپ، پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئالاقىدار بىر قانچە كۆرسەتكۈچنى بىر قەدەر تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدى:
1. ئۆزىنى چۈشىنىش، ئۆزىنى قوبۇل قىلىش
2. باشقىلارنى قوبۇل قىلىش، باشقىلار بىلەن چىقىشىشقا ماھىر بولۇش
3. تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش، خىزمەتنى خۇشاللىق بىلەن ئىشلەش
4. رېئاللىققا يۈزلىنىش، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش، رېئاللىققا ماسلىشىش، رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش
5. كەيپىياتنى تەڭشىيەلەيدىغان ۋە تىزگىنلىيەلەيدىغان، كەيپىياتى ياخشى بولۇش
6. كىشىلىك قەدىر – قىممەتنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىش
7. ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال بولۇش
8. پىسخىكىلىق ھەرىكەت ياش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك
ئۇنداقتا سىز ساغلاممىكەنسىز ؟
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا(0 باھا بار )
- 2020: قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ(0 باھا بار )
- 2020: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟(0 باھا بار )
- 2020: ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش(0 باھا بار )