ساغلاملىق بىلىملىرى

كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغانلاردا بۇ ياخشى ئادەتلەر بولۇشى كېرەك

ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سىز ھەر كۈنى قانچىلىك ۋاقىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىسىز؟ نۇرغۇن كىشىلەر بىر كۈنلۈك خىزمەت ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر «ئادەتتە كۈنلەردە ھەرىكەت قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، ھەپتە ئاخىرىدا ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتسىلا بولىدىغۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمما تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش ھەرىكەتنى كۆپەيتىشتىنمۇ بەكرەك ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن، «خىزمەت قىلىش جەريانىدا ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىپ بەرسە، ئۇزاق ئولتۇرغان تەقدىردىمۇ ھېچقىسى يوق» دېگەن قاراش ئىنتايىن خەتەرلىك.

ئۇنداقتا ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قانداق ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەندە ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىسى بولىدۇ؟

چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرىدىغان ياشانغانلارغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، ئۇزاق ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش ھەرىكەت ۋاقتىنى ئاشۇرۇشقا قارىغاندا قېرىشنى تېخىمۇ كېچىكتۈرىدىكەن. بۇ تەتقىقاتتا كىشىلەر، دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە دائىم ھەرىكەت قىلمايدىغان دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنگەن، شۇنداقلا ئالتە ئايغا سوزۇلغان، نەتىجىدە ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ خىروموسومى قىسقىراپ، ئۆمرى قىسقىراش يۈزلىنىشىگە قاراپ ماڭغان، ھەمدە ئولتۇرۇش ۋاقتى قىسقا بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ خىروموسومى ئۇزىراپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش ھەتتا ھەرىكەت ۋاقتىنى ئۇزارتقانغا قارىغاندا ئادەمنىڭ ئۆمرىنى تېخىمۇ ئۇزارتىدۇ.

040217180293800003877527

ئۆرە تۇرۇش رىتىمىنى ئىگىلەش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى

ئېيتىلىشچە، بىر سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرغاندا 22 مىنۇتلۇق ئۆمۈر قىسقىرايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئادەم ئۇزاق ئولتۇرۇش جەريانىدا مۇسكۇل قىسقىرايدۇ، مۇسكۇل قىسقىرىغاندىن كېيىن قاندىكى فېرمېنتنىڭ (酶) ئىقتىدارى تورمۇزلىنىپ، قان ئاسانلا يېپىشقاقلىشىدۇ، بۇ دەل سېمىزلىك، دىيابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

لېكىن شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئىشخانا ئىشلىرىنى قىلىدىغانلار ئىزچىل ئۆرە تۇرۇپ خىزمەت قىلالمايدۇ، شۇڭا ئۆرە تۇرۇش رىتىمىنى ئىگىلەش مۇھىم ھالقا بولۇپ قالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئىشخانا ئىشلىرىنى بېجىرىدىغانلارغا ھەر 30 مىنۇتتا ئۆز ئورنىدىن ئايرىلىپ، ئاددىي چېنىقىش ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بۇ جەرياندا ھاجەتخانىغا بارسا ياكى ئايلانغاچ كۆزىنى ئارام ئالدۇرسا، ئاددىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئوينىسا بولىدۇ، ياكى ھەر 30 مىنۇتتا بىر ئاز ۋاقىت ئورنىدىن تۇرۇپ خىزمەت قىلسا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئۇزاق ئولتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ساغلاملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلىمۇ بولىدۇ.

ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلارغا بېرىلگەن بىر قانچە كىچىك تەكلىپلەر:

1. ئۆرە تۇرۇپ تېلېفون قىلىش: ئەنگلىيەدىكى رافبۇرگ داشۆسىنىڭ ھەرىكەت پىسخولوگىيەسى پىروفېسسورى تېلېفون ئۇرغاندا ياكى تېلېفون ئالغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى پۇتى ئارقىلىق نۆۋەتلىشىپ بەدەننى تىرەپ، بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئايلاندۇرسا، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق خورىتىدۇ دەپ تەكلىپ بەرگەن.

2. بەدەن چېنىقتۇرۇش توپىدا ئولتۇرۇپ ئىش بېجىرىش: گۇگۇل شىركىتى ۋە BMW شىركىتىنىڭ ئىشخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش توپىنى ئورۇندۇق قىلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. چۈنكى بۇ خىل توپتا ئولتۇرغاندا، بەدەن توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىقنىڭ زىيىنىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

3. ئورۇندۇق ئۈستىگە سېلىنچا قويۇش: ياشانغانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىقى ۋە قۇيرۇق سۆڭىكى ئاغرىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ياپونىيەلىكلەر ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە قېلىن سېلىنچا قويۇپ، ئېغىرلىقنىڭ تەكشى تارقىلىشىغا ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سېلىنچا يەنە ئورۇندۇقنىڭ ئولتۇرغۇچ سۆڭەك تۈگۈنچىسىگە بولغان سۈركىلىشىنى ئازايتىدۇ.

4. يېنىغا قوڭغۇراقلىق سائەت قويۇپ قويۇش: ئىشخانا ئىشلىرىنى بېجىرگەن ۋاقىتتا ئالدىراش بولۇپ كەتسە ياكى ياشانغانلار شاھمات ئويناپ، قارتا ئويناپ، ئارام ئېلىشنى دائىم ئۇنتۇپ قالسا، يېنىغا قوڭغۇراقلىق سائەتنى قويۇپ قويسا ياكى يانفوندا ۋاقىت بەلگىلەپ، ئۆزىگە ھەر بىر سائەتتىن كېيىن ئايلىنىپ كېلىشنى ئەسكەرتىپ قويسا بولىدۇ.

5. ئۈستەل ئاستىدا پۇتنى سوزۇش: ئولتۇرغاندا پۇتنى سوزۇش ۋېنا قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ پايدىلىق. ياشانغانلارنىڭ پۇتىنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشى ئەمەس، تېلېۋىزور كۆرگەندە، گېزىت كۆرگەندە دائىم مۇشۇنداق پۇتىنى سوزۇپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى كېرەك.

6. مۇۋاپىق ئورۇندۇق ئالماشتۇرۇش: ناچار ئولتۇرۇش قىياپىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمى ئورۇندۇقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئىشخانا ئورۇندۇقلىرىدا غالتەك بولۇپ، مۇقىملىقى يېتەرلىك ئەمەس، ئادەم ئولتۇرغاندىن كېيىن بەدەن مۇسكۇللىرى ناھايىتى جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ. ئولتۇرغاندا ئادەمنى ئازادە كەيپىياتقا ئىگە قىلىدىغان ئورۇندۇقنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

7. پۇتنى كۆپ مىدىرلىتىش: ئەگەر ھەر كۈنى خىزمەت سەۋەبىدىن ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمىسا، كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ تەپكىسىنى دەسسىگەندەك كىچىك ھەجىملىك پۇت ھەرىكىتىنى قىلىشقا بولىدۇ. شارائىت يار بەرسە پۇتنى مۇۋاپىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، پات-پات پۇتىنى ئۇرۇپ تۇرۇش ياكى ئاددىي ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.

8. مۈرە، بويۇن، بەل مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇش: يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق مۈرە ۋە بويۇن مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە، ئاياللارنىڭ يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى قىلىشى بىر قەدەر قىيىن بولۇپ، گانتېل (哑铃) بىلەن چېنىقىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى