يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان پىسخىك ئالامەتلەر

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

040220013814400004418093

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي بېسىم ۋە پىسخىكىلىق مەسىلىگە دۇچ كېلىش خەۋپى باشقا كىشىلەر توپىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئىلمىي نۇقتىدىن ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇنىڭغا قارىتا يېقىندا «خەلقئارا ئەيدىز پەرۋىشى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر جەمئىيىتى ژۇرنىلى» مەخسۇس ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى بەش تۈرگە يىغىنچاقلىغان.

1. جاراھەتتىن كېيىنكى سېزىمچانلىق توسالغۇسى (PTSD)

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل توسالغۇغا ئۇچرىغان ئاياللاردا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن سىرت يەنە جىنسىي ھەمراھىغا قارىتا يارىلاندۇرۇش تۈسىنى ئالغان جىنسىي خورلاش خاراكتېرلىك ئالامەتلەر كۆپ ئۇچرايدىكەن. يەنە كېلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ جاراھەتتىن كېيىنكى سېزىمچانلىق توسالغۇسىنى باشتىن كەچۈرۈش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدىكى ئاياللارنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، جاراھەتتىن كېيىنكى سېزىمچانلىق توسالغۇسى شەخسنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن ئاياللارنىڭ تەن ساغلاملىقىغىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىكەن.

040219502727400004418093

2. خامۇشلۇق كېسىلى

جاراھەتتىن كېيىنكى سېزىمچانلىق توسالغۇسدىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ئىجتىمائىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تۈرلۈك بېسىملارغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان ئاياللارغا قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىستاتىسكىلاپ چىققان. يەنە كېلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللاردىكى تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىنى غىدىقلاپ ئۆزگەرتىشى خامۇشلۇق كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا كۆپ ھاللاردا ئۇلار جەمئىيەتنىڭ پىسخىك جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېھتىياجلىق.

040219535170000004418093

3. يامان ئاتاقتىن شەكىللەنگەن ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى

بۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئېڭىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل يامان ئاتاقتىن شەكىللەنگەن روھىي بېسىمنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقى روھىي بېسىم ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا پىسخىكىلىق تەڭشىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى بولغان نومۇس تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئېغىر بولغان خامۇشلۇق كېسەللىك ئالامىتى، تەتۈر نۇسخىلىنىدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۇسۇلى (ART)نىڭ ئۈنۈمدارلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالغان.

040219482611400004418093

4. بىر قىسىم ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسى

بىر قىسىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار بەزى ئاز ساندىكى ئىرق ۋە ئالاھىدە كىشىلەر توپىدىن بولغاچقا، بۇ خىلدىكى ئاياللار توپى تېخىمۇ چوڭ روھىي بېسىمغا ئۇچرايدۇ.

040219583036200004418093

5. تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلى

ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى ۋاقىت ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پىسخىك جەھەتتىكى بىر قەدەر ئاجىز مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇلاردا ئاسانلا تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق ۋە بىر قىسىم تۇغۇتتىن كېيىنكى روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار بۇ مەزگىلدە ھەمراھىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىسا تەتۈر نۇسخىلىنىدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۇسۇلى ئۈنۈمىنى ساقلاپ قالالماسلىقى مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش ئاساسلىقى ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىش ۋە قوللاش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى