بالىلار ساغلاملىقى

كىچىك بالىلارنىڭ جىددىي ئىچى سۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۆۋەتتە جىددىي خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش بىمارنىڭ كېسەل بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زور ساغلاملىق مەسىلىسى بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە بالىلاردىكى جىددىي خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشنى داۋالاش ئاساسلىقى ئاسما ئوكۇل ئۇرغۇزۇشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ بەدەننىڭ سۇسىزلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما، بۇ ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ ساقىيىشىنى ياخشىلىمايدۇ، شۇنداقلا ئىچ سۈرۈش ۋاقتىنىمۇ قىسقارتالمايدۇ.

ئانا سۈتى تەركىبىدە كېسەللىككە قارشى تۇرغۇچى ئانتىتېلا ۋە ئۈچەي يولىغا پايدىلىق باشقا تەركىبلەر بار بولۇپ، كالا ئوغۇز سۈتى ئانا سۈتىگە ئوخشاش پايدىلىق رولغا ئىگە. ئەمما كالا ئوغۇز سۈتىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، نىكروزلۇق ئۈچەي ياللۇغى ۋە ICU بۆلۈمىدە ياتقان بىمارلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يولى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەھەتتىكى تەتقىقاتى ناھايىتى ئاز بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈمى تېخى بېكىتىلمىدى. يېقىندا، تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئىختىيارىي سېلىشتۇرما تەجرىبە نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كالا ئوغۇز سۈتى جىددىي خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش بىمارلىرىنى ئۈنۈملۈك داۋالاپلا قالماي، يەنە ۋىرۇسلۇق ۋە باكتېرىيەلىك ئىچ سۈرۈشنى قوشۇمچە داۋالاش ئۈنىمى بارلىقى بايقالغان.

033122353065100003877527

تەتقىقاتتا، ئىچى سۈرگەن 160 بالىغا ئايرىم-ئايرىم كالا ئوغۇز سۈتى ۋە بەزلەش دورىسى ئىستېمال قىلدۇرۇلغان. ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر، سالمونىللا باكتېرىيەسى ئۇرۇقدىشى(沙门氏菌属)، شىگېللا باكتېرىيەسى ئۇرۇقدىشى(志贺氏菌属)، ئىچ سۈرۈش خاراكتېرلىك چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، ئەگرىسىمان باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى ۋە خولېرا يايسىمان باكتېرىيەسى ھەمدە گەندىدىكى چاقسىمان ۋىرۇس ئانتىگېنىنى قاتارلىق بارلىق كېسەللىك مىساللىرى تەكشۈرۈلگەن.

نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 48 سائەتتىن كېيىن بەزلەش دورىسى گۇرۇپپىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كالا ئوغۇز سۈتى گۇرۇپپىسىدىكى بىمار مەيلى چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولسۇن ياكى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسۇن، ئۇنىڭ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى بىردەك تۆۋەنلىگەن ئازايغان.

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كالا ئوغۇز سۈتىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشنى داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ۋىرۇسلۇق ۋە باكتېرىيەلىك ئىچ سۈرۈشنى قوشۇمچە داۋالاش رولىغا ئىگە ئىكەن، ئىچ سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى