ساغلاملىق بىلىملىرى

بۇ بەش خىل ئەھۋالدا بادام بەزنى ئالدۇرۇۋېتىشنى ئويلىشىش كېرەك

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سوزۇلما خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغى بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، كىشىلەر ئارىسىدا سوزۇلما خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى تەخمىنەن %22 بولۇپ، بالىلارنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. بادام بېزىنىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بارلىقىنى ئويلىغاندا، بەزى كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسىمۇ، بادام بېزىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشنى خالىمايدۇ، بۇ راستتىنلا ياخشىمۇ؟ دوختۇر مۇنداق تەكلىپ بەردى: بۇ بەش خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، بادام بېزىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشنى ئويلاشسا بولىدۇ.

040223273185100000059025

بادام بەز ياللۇغى پۈتۈن بەدەنگە تەسىر قىلىدۇ.

بادام تەنچىسى بادام بېزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، سىرتقى شەكلى بادامغا ئوخشاش بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئادەتتە ئېيتىلىدىغان بادام بېزى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان تاڭلاي بادام بېزىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يۇتقۇنچاق بوغۇزىنىڭ يان دىۋارىغا جايلاشقان، تىل-تاڭلاي يايىسى بىلەن يۇتقۇنچاق-تاڭلاي يايىنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، ياپىلاق تۇخۇمسىمان كېلىدۇ، سىرتقى يۈزىدە شىللىق پەردە ئېپىتېلىيەسى بولىدۇ، ئاستى قىسمىدا تالا پەردىسى بولىدۇ، ئۇ يۇتقۇنچاق دىۋارىنىڭ مۇسكۇل قەۋىتى بىلەن ناھايىتى بوش بولۇپ، ئاسان ئايرىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇتقۇنچاق بادام تەنچىسى ۋە تىل بادام تەنچىسىمۇ بار.

باشقا بەز تەنچىسى توقۇلمىلىرىغا ئوخشاش، بادامسىمان بەز ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يۇتقۇنچاق لىمفا توقۇلمىلىرىدىكى ھەجىمى ئەڭ چوڭ، يۇتقۇنچاق قىسمىنىڭ لىمفا ئىچكى ھالقىسىدىكى بىر مولېكۇلاغا تەۋە. بالىلار 6 ~ 7 ياشقا كىرگەندە لىمفا توقۇلمىلىرى ئۆسۈپ، بادامسىمان تەنچە يوغىناپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ فىزىيولوگىيەلىك چوڭىيىشقا تەۋە بولۇپ، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىن كېيىن تەدرىجىي يىگىلەپ كىچىكلەيدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ بەز تەنچىلىرىنىڭ ئاساسلىق رولى بەدەننىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش.

بادام بېزى ياللۇغى يۈز بەرگەندە، بادام بېزى يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. ئادەتتە يۇتقۇنچاق ۋە يۇقىرى نەپەس يولى باكتېرىيەنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سوزۇلما خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغى ئورگانىزمنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇھىتىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ئاسانلا كېسەللىك ئوچىقى شەكىللىنىپ، ئاللېرگىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، تۈرلۈك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، رېماتىزم قىزىتمىسى، يۈرەك كېسىلى، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىكلەر.

جىددىي ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغىنىڭ پەرقى

040223315220500000059025

بادام بەز ياللۇغى جىددىي خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، تۆۋەندە بىز بۇنى كونكرېت تونۇشتۇرىمىز.

جىددىي خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغى-جىددىي غەيرىي خاس ياللۇغ بولۇپ، دائىم يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇ بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان يۇتقۇنچاق كېسەللىكى. بالىلار ۋە ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، پەسىل ئالماشقاندا، تېمپېراتۇرا ئۆزگەرگەندە كېسەللىك ئاسان قوزغىلىدۇ.

ئاساسلىق كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر: B تىپلىق قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، لېكىن قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، ئۆپكە ياللۇغى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى، تارقىلىشچان زۇكام تاياقچە باكتېرىيەسى ياكى بەز ۋىرۇسى، بۇرۇن كېسەللىكى ۋىرۇسى، ئاددىي خاراكتېرلىك قاپارتما ۋىرۇسى قاتارلىقلارمۇ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باكتېرىيە بىلەن ۋىرۇسنىڭ ئارىلاش يۇقۇملىنىشىمۇ ئاز ئەمەس. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار نورمال ئېغىز بوشلۇقى ۋە بادامسىمان تەنچىدە مەۋجۇت بولۇپ، كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ، بەزى ئامىللار پۈتۈن بەدەننىڭ ياكى قىسمەن جايلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەندە، كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ ياكى ئەسلىدە بار باكتېرىيە كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. سوغۇق ئۆتۈش، نەملىك ئېشىپ كېتىش، زىيادە چارچاش، ھاراق-تاماكىنى زىيادە كۆپ ئىچىش، زىيانلىق گاز قاتارلىقلارنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب قىلىشقا بولىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغىنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ياكى بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ.

040223320956600000059025-1

ئالامەتلىرى: پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر جىددىي قوزغىلىش، باش ئاغرىش، سوغۇقتىن قورقۇش، يۇقىرى قىزىتما 39 ~ 40قا يېتىش، بولۇپمۇ بالىلاردا يۇقىرى قىزىتما سەۋەبىدىن تارتىشىپ قېلىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يەرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى يۇتقۇنچاق ئاغرىش روشەن بولىدۇ، قاتتىق ئاغرىغاندا يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ، قۇلاق غوڭۇلداش، قۇلاق سىقىش، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ بادامسىمان تەنچىسى چوڭىيىپ نەپەسلىنىشكە تەسىر يەتكۈزگەندە، ئۇلارنىڭ ئۇخلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، كېچىسى ئويغىنىپ كېتىدۇ.

سوزۇلما خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغى كۆپىنچە جىددىي خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغى قايتا-قايتا قوزغالغانلىقتىن ياكى تاڭلاي بادامسىمان تەنچىسىنىڭ ئېقىتىشى راۋان بولمىغانلىقتىن، باكتېرىيە ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشقا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. يەنە سىكارلاتىنا، تارقىلىشچان زۇكام، قىزىل، بۇرۇن بوشلۇقى ۋە بۇرۇن كاۋاكلىرىدىن يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ.

ئاساسلىق كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر: زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە ۋە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە.

ئالامەتلىرى: جىددىي خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغى تەكرار قوزغىلىدۇ ھەمدە يۇتقۇنچاق قىسمى بىئارام بولىدۇ ۋە توسۇلۇپ قالغاندەك سېزىم بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم بىمارلاردا ئۆتكۈر قوزغىلىش تارىخى يوق بولسىمۇ، دائىم يۇتقۇنچاق قىسمى بىئارام بولۇش، يات ماددا سېزىمى بولۇش، قۇرغاقلىشىش، قىچىشىش، غىدىقلاشچان يۆتىلىش، ئېغىز پۇراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بادام بەز زىيادە يوغىناپ كەتسە يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ، گەپ قىلغاندا ئېنىق چىقمايدۇ، نەپەس راۋان بولمايدۇ ياكى ئۇخلىغاندا خورەك تارتىدۇ. يىرىڭ نوكچىسى يۇتۇشقا ئەگىشىپ ھەزىم قىلىش يولىغا كىرىپ، قىسمەن بىمارلاردا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، باش ئاغرىش، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش، ئاسان چارچاش ياكى تۆۋەن قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

040223323289500000059025

بۇ بەش خىل ئەھۋالدا بادام بېزىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشنى ئويلىشىش كېرەك.

1. جىددىي خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغى تەكرار قوزغالسا، ھەر قېتىم يۇقۇملانغاندا قىزىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، يۇتقۇنچاق شىللىق پەردىسىگە قان تولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىرىڭلىق بادام بەز ياللۇغى كۆرۈلسە، بادام بەزنىڭ سىرتقى يۈزىدە يىرىڭ نۇقتىسى پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلەنسە، ھەر يىلى 4 ~ 5 قېتىمدىن ئارتۇق قوزغالسا، ھەمدە ئۇدا ئىككى يىل قوزغالسا؛

2. بادام بەز زىيادە يوغىناپ كېتىپ، يۇتۇش، نەپەسلىنىش، ئاۋاز چىقىرىش ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلسا، ئۇخلىغاندا خورەك تارتىدىغان بولۇپ قالسا؛

3. بادام بەز تەكرار يۇقۇملىنىپ رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، بوغۇم ياللۇغى، بۆرەك شارچىلىرى بۆرەك ياللۇغى ۋە تېرە كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارسا؛

4. داۋالاش ئۈنۈم بەرمىسە؛

5. ھەر خىل بادامسىمان تەنچىلەردىكى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىلەر بادامسىمان تەنچە بىلەن بىللە كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەر بىر ئادەمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ-يوق، يەنىلا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، كەسپىي دوختۇرلارنىڭ دىياگنوز قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا، ئاندىن ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش كېرەكمۇ-يوق دېگەننى بېكىتىش كېرەك.

قانداق قىلغاندا سوزۇلما خاراكتېرلىك بادام بەز ياللۇغىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئالدىنى ئېلىش مەڭگۈ ئەڭ ياخشى داۋالاش. بادامسىمان تەنچىنى ئاسراش ئۈچۈن، كۆپچىلىك مۇنداق قىلىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ:

1.كۆپ ھەرىكەت قىلىپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

2.كۆپرەك ئارام ئېلىپ، بەدەننى ھەددىدىن زىيادە چارچىتىۋەتمەسلىك كېرەك.

3.سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

3.سۇنى كۆپ ئىچىپ، يۇتقۇنچاق-كېكىردەكنىڭ نەملىكىنى ساقلاش كېرەك.

4.چىشنى ئەستايىدىل چوتكىلاپ، ئېغىزنى چايقاپ، بادامسىمان تەنچىگە ياخشى بولغان ئېغىز بوشلۇقى مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

5.ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى