يىېمەكلىكلەر

بۇ خىل يېمەكلىكلەر سوزۇلما بۆرەك كېسەللىكلىرى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئىستېمال مىقدارى داۋاملىق ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسەللىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. تەتقىقاتچىلار «ئىلىم-پەن تەرەققىياتى» (科学,进展) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ۋە پىشۇرۇلمىغان يەم-خەشەك بىلەن ئىككى گۇرۇپپا چاشقاننى باقتى. 24 ھەپتە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يەم-خەشەكلەرنى ئىستېمال قىلغان چاشقانلارنىڭ بۆرىكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە دەسلەپكى سوزۇلما بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ خىل ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىدى.

040222125446400016035695

يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا (مەسىلەن بەرەڭگە ياپراقچىسى، كاۋاپ ۋە باشقا پىشۇرۇلغان مەھسۇلاتلار)، شېكەرلىك مەھسۇلاتلار دائىم تەم ۋە پۇراقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭلاشقا، تەتقىقاتچىلار كىشىلەرگە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىشى ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېمەكلىك رېتسېپلىرىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى