
شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1. ئاچچىقلىنىش تال ۋە ئاشقازاننىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاچچىقلانغاندىكى كەيپىيات ئۆزگىرىشى نېرۋا ئىچكى ئاجراتما يولى ئارقىلىق ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي ئاجراتمىسى، ھەرىكىتى ۋە شىللىق پەردە قان ئېقىمىنىڭ تەڭشىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەزىم قىلىش يولى يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە جىگەر بىلەن تال (ئاشقازان)نىڭ ئىقتىدارى ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئاچچىقلانغاندا جىگەرنىڭ راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىپ، تالنىڭ توشۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئاچچىقلانغاندا جىگەردىكى يەل ئاشقازانغا تەتۈر تەسىر قىلىپ، ئاشقازاندىكى يەل تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، كېكىرىش قاتارلىق تال ۋە ئاشقازان راۋان بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2. يۈرەكنىڭ بىئارامسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاچچىقلانغاندا يۈرەكنىڭ بېسىمى تۇيۇقسىز ئېشىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئارتىدۇ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىپ، يۈرەكنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا يۈرەكنىڭ قانغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئېشىپ، يۈرەك ھەسسىلەپ خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ. يۈرەك قان تومۇرىنىڭ يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلىنىشى مۇناسىپ ئاشمىسا، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك سانجىقى، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىرقى زامان مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاچچىقلانغاندا قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، قان ئاسانلا قېتىشىپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرەك سوقۇش تېز بولۇش، قان شېكىرى ۋە قان بېسىمى ئۆرلەش، ئوكسىگېن سەرپىياتى ئېشىپ كېتىش ۋە كۆپ خىل ھورمۇنلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. كىچىك تەرەتنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئادەم زىيادە ئاچچىقلىنىپ كەتكەندە كىچىك تەرەت پاكىز كەلمەيدىغان، مىقدارى ئاز، تامچىلاپ چىقىدىغان نورمالسىز ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا كىچىك تەرەت قىيىنلىشىدۇ، ھەتتا سىيەلمەي قالىدۇ.
4. جىگەرگە يەل يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جۇڭيى تېبابىتىدە «ئاچچىقلىنىش جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. جىگەر ئوچۇق-يورۇق، كەڭ قورساقلىقىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاچچىقلىنىش جىگەردىكى يەلنىڭ راۋان بولماسلىقىنى، جىگەر بىلەن ئۆتنىڭ ماسلىشالماسلىقىنى پەيدا قىلىپ، قوۋۇرغا ۋە جىگەرنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاچچىقلىنىش سەپرا يىغىلىپ قېلىش، كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىش، جىمىغۇر بولۇپ قېلىش، ئۇزاققىچە بىئارام بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىش، ئىككى تەرىپى چىڭقىلىش، ئىچى تىتىلداش قاتارلىق بىئارامسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا(0 باھا بار )
- 2020: قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ(0 باھا بار )
- 2020: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟(0 باھا بار )
- 2020: ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش(0 باھا بار )