خانىم قىزلار

خانىم-قىزلار ئۆزۈڭلارنى ئاسراۋاتامسىلەر؟

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئاياللار كۈتۈنۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى، لېكىن ئۇلار دائىم ئۆزى قېرىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنى ئاسرايدۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈشنىڭ رولى يەنىلا ياش چېغىدىن باشلاپ كۈتۈنگەنگە يەتمەيدۇ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ساقلاش ئۈچۈن، ئاياللار ئوخشىمىغان باسقۇچتا ساقلىقنى ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، شۇندىلا ياشلىقىنى ساقلاپ، قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

ئاياللار كۈتۈنۈشتە بۇ ئالتە ئىشنى قىلىشنى ئۆگىنىۋالسا، تېخىمۇ ياش ۋە جەلپكار كۆرۈنىدۇ.

040118105461300016573128

1. قورساق قاتلاش

ئاياللار كېسەللىكلىرى ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى راكى، جىنسىي يول ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر دائىم ئاياللارغا ھەمراھ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىمۇ پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى دائىم قورساق قاتلاش، چۈنكى قورساق قاتلىغاندا يىرىقنى چېنىقتۇرۇپ، يىرىقتىكى قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، قورساق قىسمىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ياخشىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن ئادەت مەزگىلىدە قورساق قاتلىماسلىق لازىم.

040118110720600016573128

2. يىل بويى ئاپتاپتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاياللار داغ پەيدا بولۇشتىن ئەڭ قورقىدۇ، ھەم ئاسانلا داغ پەيدا بولىدۇ، ھەددىدىن زىيادە ئاپتاپقا قاقلانسا، قارا پىگمېنت كۆپىيىپ پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ، قېرىلىق دېغى قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا داغ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى داغ پەيدا بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يىل بويى داغ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلترا بىنەپشە نۇر ھەممە يەردە بار، ھاۋا تۇتۇق كۈنلەردىمۇ بۇلۇت قاتلىمىنى تېشىپ ئۆتۈپ تېرىنى قارىدىتىدۇ ۋە قېرىتىدۇ. شۇڭا ھاۋا تۇتۇق ياكى يامغۇرلۇق كۈنلەردىمۇ ئاپتاپتىن ساقلىنىش كېرەك. تېرە ئاسراش باسقۇچلىرىدا ئاپتاپتىن ساقلىنىش كەم بولسا بولمايدۇ.

040118111959000016573128

3. يەر بېغىرلاش

بەل ئاياللار بىر ئۆمۈر ئاسراشقا تېگىشلىك جاي، ئەگەر دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسە، دۈمبە قىسمى ئېگىلگەن ھالەتتە بولۇپ، ئاسانلا بەل ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ بەل ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق بەلگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەر بېغىرلاش ئارقىلىق بەل قىسمىنى تېخىمۇ چىداملىق ۋە ساغلام قىلغىلى بولىدۇ.

040118113334100016573128

4. يېتەرلىك ئۇخلاش

دانىخورەك نۇرغۇن قىزلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردىمۇ بەزىدە دانىخورەك پەيدا بولىدۇ، بۇ ئىچكى ئاجراتما تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان، بولۇپمۇ فىزىيولوگىيەلىك مەزگىلدە تېرىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ساقلاشقا كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك، تازىلاشتىن سىرت، يېمەك-ئىچمەك ۋە دەم ئېلىشقىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مايلىق ۋە ئاچچىق، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش، چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقلا تولۇق ئارام ئېلىش ۋە خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش، تېرىنى تېخىمۇ ساغلام قىلىش كېرەك.

040118114412400016573128

5. ھەر ھەپتىدە سۇ ئۈزۈش

ئاياللار بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ، سۇ ئۈزۈش بالىياتقۇنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ھەر ھەپتىدە مۇۋاپىق سۇ ئۈزگەندە بالىياتقۇنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، ئادەت ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىپلا قالماستىن، يەنە ئادەت مەزگىلىدىكى دۈمبە ئاغرىقىنى پەسەيتىپ ئاياللارنىڭ كېيىنكى تۇغۇتىغا تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

040118115298700016573128

6. ئەمەن يوپۇرمىقىدا پۇتنى چىلاش

ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش نۇرغۇن ئاياللارنى قىينايدۇ، ئەگەر ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش سەۋەبىدىن قورساق ئاغرىش، پۇت-قول مۇزلاش كۆرۈلسە، پۇتنى ئەمەن يوپۇرمىقىدا پۈتۈن بەدەندىن تەر چىققۇچە چىلاش ئادەت ئاغرىتىپ كېلىشنى يېنىكلىتىشتىكى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

ئومۇمەن، ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈندىلىك بەزى ناچار ئادەتلەر ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، يۇقارقى ئاسراش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى ئازايتىپ، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى