ئاياللار كېسەللىكى

ئاياللار كېسىلىدىن يىراق تۇراي دېسىڭىز بۇلارنى كۆپرەك يەپ بېرىڭ

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاياللار كېسىلىنىڭ «كۈشەندىسى» تېپىلدى، تۆۋەندىكى تۆت خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك يەپ بەرسىڭىز، ئاياللار كېسىلىدىن يىراق تۇرىسىز.

040203065740600000013469

1. گىلاس (樱桃)

گىلاسنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭدىكى بەزى ئالاھىدە ماددىلارمۇ مەلۇم دەرىجىدە ياللۇغ قايتۇرۇش، باكتېرىيەنى تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئاياللار ئادەتتە ئامال بار ئۇنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئاغرىقنى تىزگىنلەپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىدىن يىراق تۇرالايدۇ.

040203071135200000013469

2. كەتىرا يىلتىزى (黄芪根)

كەتىرا بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، يەنە ئۈنۈملۈك ھالدا ياللۇغ قايتۇرۇپ مىكروبقا قارشى تۇرىدۇ. ئاياللار كېسەللىكى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن، كەتىرا سۈيىنى دائىم ئىچىپ بەرگەندە بەدەندىكى باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى ئۈنۈملۈك تازىلىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئاياللار كېسەللىكلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا پايدىلىق.

040203072138200000013469

3. ئەتىرگۈل چېيى (玫瑰花茶)

ئەتىرگۈل چېيى تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان گۈل چېيى. ئۇ ئاياللارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئاياللار ھەر كۈنى بىر نەچچە ئىستاكان ئىچىپ بەرسە، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاياللاردىكى بالىياتقۇ ئىچىدىكى قان ئۇيۇپ قېلىشنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىپ، بالىياتقۇنى تېخىمۇ پاكىزلاپ، كېسەللىك يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

040203073083700000013469

4. پالەك (菠菜)

پالەك تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول. پالەكنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا بەدەندىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قۇۋۋەت ۋە قاننى تولۇقلاپ، بالىياتقۇنىڭ توكسىننى چىقىرىپ تاشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پالەكنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاياللارنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى