بالىلار ساغلاملىقى

بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە «ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك» توغرىسىدا

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

040319051524900000015581

بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ قانداق ئىپادىسى بار؟

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىسى يىراققا قارىسا ھەممە نەرسە تۇتۇق كۆرۈنىدۇ، لېكىن يېقىندىكى نەرسىلەر ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.

ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ نەرسە كۆرگەندە كۆزىنى قىسىپ بېشىنى يانتۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ياكى تېلېۋىزور كۆرگەندە، تېلېۋىزورغا يېقىن ئولتۇرىدىغان بولسا، بۇ خىل قىلمىشلار بالىلاردا يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئالامەتلىرى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

040319053534500000015581

بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكى ئاساسلىقى ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇھىت ئامىلىنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن بولىدۇ. 600 گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىككە نىسبەتەن، ئىرسىيەت ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ؛ 600 گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان يېنىك، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ گىرادۇسى قانچە تۆۋەن بولسا، مۇھىت ئامىلى شۇنچە روشەن بولغان بولىدۇ، بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولىدۇ، شۇنداقلا كۆرۈش سېزىمىنىڭ سەزگۈر مەزگىلى بولۇپ، زىيادە يېقىن ئارىلىقتا كۆز ئىشلىتىش، ئۇزاق ۋاقىت، يۇقىرى سىجىللىقتا كۆز ئىشلىتىش قاتارلىق تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نېمە يېسە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟

نۆۋەتتە تېخى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياكى داۋالايدىغان يېمەكلىك ۋە دورا يوق، لېكىن ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭ ئوزۇقلۇق ۋە ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق بەدەننىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندا كۆرۈش سېزىمى ھارغىنلىقىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتكىلى ۋە كۆز ساغلاملىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

040319054324000000015581

«ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك»نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ قانداق قىلغاندا راستتىنلا يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدۇ؟

فۇدەن داشۆسى قارمىقىدىكى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى كۆز بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ چېنخاۋ: «ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك»نىڭ سىرىنى ئېچىپ بەردى. ياڭ چېنخاۋ: «ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك» دېگىنىمىز بالىلار دوختۇرخانىغا كېلىپ كۆز قارىچۇقىنى كېڭەيتىپ تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ، تەكشۈرۈشتە بايقالغان نۇر سۇندۇرۇش ھالىتى «يىراقنى كۆرەلمەسلىك» بولماستىن، بەلكى«يېقىننى كۆرىدىغان كۆز»دۇر. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب، كۆزنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان چارچاش خاراكتېرلىك كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئىبارەت.

ھازىرقى بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقى بەك كۆپ، كۆزى بەك كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكتىن پەيدا بولغان قىسقا مۇددەتلىك كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، قارىچۇقىنى كېڭەيتىپ يورۇقلۇقنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىپادىلىنىدىغان نۇر سۇندۇرۇش ھالىتىدىكى يېنىك دەرىجىدىكى يېقىننى كۆرۈش ياكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك بولۇپ، پۈتۈنلەي نورمال نۇر سۇندۇرۇش ھالىتى بولىدۇ، شۇڭا بۇ «ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل بالىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى ئاز بولۇپ، يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار ئىچىدە %5كىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھەمىشە «بالىلارنىڭ گىرىپتار بولغىنى چوقۇم ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك، ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ھەممىسى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دەپ قارايدۇ، بۇ بىر چوڭ خاتا قاراش.

بالىلارغا يەسلىگە كىرگەندە يەنى ئۈچ ياش ئەتراپىدا، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئىككى تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز:

1. قارىچۇقنى كېڭەيتىپ يورۇقلۇقنى تەكشۈرۈش.

2. ئاپپارات ئارقىلىق كۆز ئوقىنى ئۆلچەش.

يۇقىرىقى ئىككى كۆرسەتكۈچنى ئۆلچەش ئارقىلىق، بىز بالىنىڭ كۆزىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ھالىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن چۈشىنىپ، بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ كەلگۈسىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى