
زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ يېرىمى زىيادە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تېرە كېسەللىكلىرىدە كۆپ كۆرىلىدىغان زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكلەردىن : يەلتاشما، ھۆل تەمرەتكە، دورا ئەسۋىسى، ئالاھىدە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار بار.
ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قايسى كېسەللىكلەر بار؟
ئەيدىز كېسىلى ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەنە بەزى تۇغما ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېسىلىمۇ بار، بۇ بىمارلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ھەقىقەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەردە ئاسان يۈز بەرمەيدىغان ھەر خىل يۇقۇملىنىشلار ئاسان پەيدا بولىدۇ.
زىيادە سەزگۈرلۈكنى ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارمىسا، ئۇنداقتا، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى سىرتقى مۇھىتتىكى سەزگۈرلۈك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار تەرىپىدىن قوزغىتىلغاندىن كېيىن، بەدەنگە زىيانلىق بولغان، تېرىدە رېئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان كۆپ مىقداردىكى گىستامىن تۈرىدىكى ماددىلار قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇ خىل گىستامىن ھەر خىل رېئاكسىيە ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا(0 باھا بار )
- 2020: قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ(0 باھا بار )
- 2020: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟(0 باھا بار )
- 2020: ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش(0 باھا بار )