تېبابەت نەزىريەسى

غەربچە دورىلار جۇڭيى دورىلىرىغا قارىغاندا زەھىرى كۈچلۈكمۇ؟

 

غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ۋاراقلاپ باقساق، ئەكس تەسىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ يېزىلغانلىقىنى بايقايمىز، ئەمما جۇڭيى دورىلىرى ياكى تەييار جۇڭيى دورىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە ئەكس تەسىرىگە دائىم «ئېنىق ئەمەس» دەپ يېزىلىدۇ.

نۇرغۇن دوستلار غەربچە دورىلارنى جۇڭيى دورىلىرىغا قارىغاندا زەھىرى كۈچلۈك دەپ قارىشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە بۇ يۈزەكى ھادىسە، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى غەربچە دورىلارنىڭ تەركىبى بىر قەدەر نوقۇل بولۇپ، بازارغا سېلىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق ئىشلارنى ئۈستىگە يېزىپ، دورا ئىشلىتىشكە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

كۆرسىتىلگەن ئەكس تەسىرى چوقۇم يۈز بېرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت بەلگىلىك يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار دېگەنلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سېلىنغان ئىكەن، دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئەكس تەسىرلەرنى قوبۇل قىلغىلى ياكى ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، پەقەت كەسپىي دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورىنى ئۆلچەملىك ئىشلەتسىلا، ئادەتتە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

040400005548000016061200

جۇڭيى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بەلگىلىك ئەكس تەسىرى بار، ئىچىدىغان دورىلارمۇ جىگەر مېتابولىزمى، بۆرەك مېتابولىزمى ئارقىلىق بولىدۇ، شۇڭا غەربچە دورىلار جۇڭيى دورىلىرىغا قارىغاندا زەھىرى كۈچلۈك ئەمەس، ئەكسىچە بەزىدە غەربچە دورىلار مەسىلىنى تېز ھەل قىلىدىغان ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى