ساغلاملىق بىلىملىرى

يىتەرلىك ئۇخلىسىمۇ نېمىشقا دائىم كۆپ ئەسنەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؟

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەممىمىزدە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق كەچۈرمىشى بولۇپ باققان، ئەگەر ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئەتىسى ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، پۈتۈن بىر كۈن روھسىز يۈرگەندەك ھېس قىلىمىز. ئەمما بەزىلەر مۇنداق ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرىدۇ: ئالدىنقى كۈنى كەچتە تولۇق ئارام ئېلىپ، سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىنچى كۈنى يەنىلا ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.

040414370478200010725664

بەزىدە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى بۇ خىل ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن ئەتىيازدا كۆپ قىسىم كىشىلەر روھسىز بولۇپ قالىدۇ، لېكىن بۇ بىر خىل ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس، شۇنداقلا بىر خىل ۋاقىتلىق ئىنكاس بولۇپ، پەقەت پەسىل ئۆزگىرىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پەيدا بولىدۇ، ئاساسلىق سەۋەبى پەسىل ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالماسلىقتۇر. لېكىن پەسىل ئۆزگىرىشىدىن باشقا، كېسەللىكمۇ ئادەم بەدىنىدە بۇنداق ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىققا ئوخشاش چارچاش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

040414415219000010725664

بۇ خىل نورمالسىز چارچاشنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن!

بىرىنچى خىلى: قان ئازلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

چۈنكى ئادەم بەدىنىدە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە، بولۇپمۇ چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا، چارچاش، باش قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قان ئازلىق كېسىلى بار كىشىلەر دائىم ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ. ئەگەر ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ خىل چارچاش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت يېتەرلىك ئۇخلىيالماسلىق سېزىمى بولسا ھەمدە بىر قاتار قان ئازلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەسىلەن: بېشى قېيىپ كۆزى تورلىشىش، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، چىرايى تاتىرىش، بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، قان ئازلىقنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك.

قان ئازلىق ئادەتتە تۆمۈر كەملىكتىن بولىدۇ، ئادەتتە تۆمۈر تولۇقلىغۇچى، قان تولۇقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەگەر ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق بولسا، دورا ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ، ئېغىر بولغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ قەرەللىك داۋالىنىش كېرەك.

040414465959800010725664

ئىككىنچى خىلى: يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يۈرەك ئىنسانلارنىڭ قان بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم ئەزاسى. يۈرەك ئىقتىدارىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەندە، يۈرەكنىڭ پومپا قان ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، قان يەتكۈزۈش ئىقتىدارى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاجىزلاپ، چوڭ مېڭىگە ئاسانلا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. چوڭ مېڭىدە ئوكسىگېن كەمچىل بولغاندا، ئادەم بەدىنىدە ئۇيقۇسىراش سېزىمى بولۇپ، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان يۈرەك كېسەللىكلىرىدىن يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، تۇغما يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار بار، ئەگەر يۈرەك كېسىلىنىڭ جەمەت تارىخى بولسا، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

040414530167300010725664

ئۈچىنچى خىلى: مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ئاسانلا «ئۈچ يۇقىرى» مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، ئۈچ يۇقىرى مەسىلە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ، مېڭە قان تومۇرلىرىدا يېرىلىش ياكى توسۇلۇش يۈز بەرسە، چوڭ مېڭىدىكى قاننىڭ ئېقىشى راۋان بولماي، چوڭ مېڭىدە مەلۇم دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك چوڭ مېڭىنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرىدا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئادەم بەدىنىدە باش قېيىش، چارچاش، ئەسنەش قاتارلىق بىر قاتار ئىنكاسلار پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا پۇت ـ قول ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

040414594247300010725664

تۆتىنچى خىلى: قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئەگەر قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىدا بىنورماللىق كۆرۈلسە، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى چېكىنگەندە، ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇن بەك ئاز بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە روھسىزلىنىش، ئۇيقۇسىراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاش مۇھىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىمۇ ئادەمنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيقۇ سۈپىتى يۇقىرى بولمايدۇ، شۇڭا كۈندۈزى يەنىلا ئادەمنى ئۇيقۇ بېسىۋالىدۇ.

040415025944700010725664

شۇڭا ياخشى بولغان ھاۋا ئۆتۈشىدىغان ئازادە مۇھىتنى ساقلاش ئۇيقۇغا ناھايىتى پايدىلىق. ئەگەر ئۇيقۇ مۇھىتىنى ياخشىلىغاندىن كېيىن ئۇيقۇسىراش سېزىمى تېخى يوقالمىسا، ئۆز ۋاقتىدا ماس بۆلۈملەرگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى