ساغلاملىق بىلىملىرى

پۇت ساغلاملىقى ۋە باھار پەسلىدە پۇت ئ‍اسراش

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دەرەخ پەرۋىش قىلغاندا يىلتىزىنى ئ‍اسراش كېرەك، ئادەم بەدىنىنى پەرۋىش قىلغاندا پۇتنى ئاسراش كېرەك، ئادەمنىڭ پۇتى خۇددى دەرەخنىڭ يىلتىزىغا ئوخشايدۇ، دەرەخ يىلتىزى ياخشى بولسا ئاندىن ھايات تۇرالايدۇ، ئ‍ادەم پۇتى ياخشى بولسا ئاندىن ساغلام بولىدۇ!

040412274826500000015581

1. پۇت ئاسراشنىڭ سەككىز چوڭ پايدىسى:

(1) پۇتتىكى قان ئايلىنىش ۋە ۋېنادىكى قاننىڭ قايتىشىنى تېزلىتىپ، پۇتنىڭ مۇزلىشىنى ياخشىلايدۇ.

(2) پۇتنى ئ‍اسراش ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش، پۇت مۇزلاش، تىز بوغۇمى ياخشى بولماسلىقنى ياخشىلايدۇ.

(3) تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، يېمەكلىك يىغىلىپ قېلىش قاتارلىقلارنى ياخشىلايدۇ.

(4) جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ.

(5) پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاشنى ياخشىلاپ، پۇتتىكى سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارنى ساقايتىدۇ.

(6) سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىشنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتىدۇ.

(7) ئۇزۇن مۇددەت ئ‍اسرىغاندا ياخشى پۇت شەكلىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

040412284360500000015581

2. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى پاقالچاق قان-تومۇرنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن بولىدۇ.

راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى پاقالچاق قان-تومۇرنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن بولىدۇ، لېكىن پاچاق قان-تومۇرنىڭ راۋان بولماسلىقى راك كېسىلى بولۇشى ناتايىن، ئەمما بۇ چوقۇم مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللىك. مەسىلەن: تەڭگە تەمرەتكە، ئاق كېسەل، بېلىق قاسرىقى كېسىلى، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئومۇرتقا ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش، قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش، دىيابېت كېسىلى، ئاياللار بالىياتقۇسى سوغۇق بولۇش، ئ‍ادەت ئاغرىتىپ كېلىش، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىن بولۇش، ئ‍ادەت مىقدارى ئاز بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ھەممىسى پاقالچاق قان-تومۇرلىرىنىڭ راۋان بولماسلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

040412291422700000015581-1

3. پۇتنى ئ‍اسراشنىڭ سەككىز تۈرلۈك ئۇسۇلى

(1) پۇتنى قۇرۇق يۇيۇش: ئىككى قول بىلەن بىر پۇتىنى چىڭ قۇچاقلاپ، سەل كۈچەپ يوتىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ تاكى ئوشۇقىغىچە ئۇۋۇلاش، ئاندىن ئوشۇق قىسمىدىن يوتىغىچە ئۇۋۇلاش، ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن يەنە بىر پۇتىنى 10 ~ 20 قېتىم ئۇۋۇلاش. بۇنداق بولغاندا بوغۇملار جانلىنىدۇ، پۇت مۇسكۇلى ۋە پىيادە مېڭىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، تۆۋەنكى مۈچە ۋېنالىرى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش، سۇلۇق ئىششىش ۋە مۇسكۇللار يىگلەش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

040412293158400000015581

(2) پاقالچاقنى ئۇۋۇلاش: ئىككى قولنىڭ ئالىقىنى بىلەن پاقالچاقنى قىسىپ تۇرۇپ، ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلاش، ھەر بىر تەرەپنى 20-30 قېتىم ئۇۋۇلاش، بۇ ئۇسۇل قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۇتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

040412300128400000015581

(3) پاقالچاقنى تاشلاش: بىر قولدا تامنى ياكى دەرەخنى تۇتۇپ، ئالدى بىلەن پۇتنى ئالدىغا سىلكىپ، پۇتنىڭ ئۇچىنى ئالدىغا كۆتۈرۈپ، ئاندىن كەينىگە سىلكىپ، بىر قېتىمدا 80-100 قېتىم سىلكىپ بەرسە مۇۋاپىق. بۇ ئۇسۇل پۇت يىگلەش، ماغدۇرسىزلىنىش ياكى ئۇيۇشۇپ قېلىش، پاقالچاق پېيى تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

(4) ئ‍ىككى تىزىنى ئۇۋۇلاش: ئىككى پۇتنى پاراللېل قىلىپ جۈپلەپ، تىزنى ئېگىپ سەل-پەل زوڭزىيىپ، ئىككى قولنى تىزىغا قويۇپ، سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە نەچچە ئون قېتىم ئۇۋۇلاپ، ئاندىن سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە نەچچە ئون قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرسە، بۇ ئۇسۇل قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرىدۇ، پۇت ماغدۇرسىزلىنىش، تىز بوغۇمى ئاغرىشنى داۋالايدۇ.

040412301793900000015581

(5) پۇت بارماقلىرىنى قايرىش: ئىككى پۇتىنى تۈزلەش، بېشىنى تۆۋەن قىلىش، بەدىنىنى ئالدىغا ئېگىش، ئىككى قولى بىلەن پۇت بارماقلىرىنى 20-30 قېتىم قايرىش. بۇ ئۇسۇل بەل-پۇتنى كۈچلەندۈرىدۇ، پۇت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

(6) تاپاننى ئۇۋۇلاش: ئىككى قولنىڭ ئالىقىنىنى قىزىتىپ، ئاندىن قولنىڭ ئالىقىنى بىلەن تاپاننى ھەر قېتىمدا 100 قېتىمدىن ئۇۋۇلاش. بۇ ئۇسۇل ئاجىز ئىسسىقنى پەسەيتىش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

(7) پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش: پۇتنى چىلاشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ، بىزنىڭ پۇت ساغلاملىقىمىزغىمۇ ناھايىتى ياخشى ياردىمى بولىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق سۇ بىلەن پۇتنى چىلىغاندا، بىر كۈنلۈك بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، پۇتتىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

040412302959200000015581

(8) فىزىكىلىق داۋالاش: پۇتى توم، گۆشلۈك، تېرە رەڭگى نورمال بولمىغان ئورۇنلارنى سىيرىپ داۋالاش، شاپىلاقلاش، ئۇۋۇلاش، ئەمەن بىلەن داغلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇتنى ئاسراش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا كەسپىي كۈتۈنۈش ئورۇنلىرى ياكى ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئ‍ۇۋۇلاتسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى