
قان شېكىرىنى ئۆلچىگەندە دائىم كۆرۈلىدىغان مەشغۇلات سەۋەنلىكى:
1. قان ئېلىش مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، سانلىق قىممەتتە پەرق چوڭ بولىدۇ.
2. بارماقنى ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئىسپىرت پارلانماي قان ئېلىنسا، نەتىجىدە خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.
3. قان شېكىرىنى ئۆلچەش سىناق قەغىزىنىڭ ساقلىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق، نەملىشىپ قېلىش.
4. ئاۋۋال قاننى ئېلىپ، ئاندىن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىگە قىستۇرۇش.
5. دېزىنفېكسىيە قىلغاندا ئىسپىرت ئىشلەتمەي، يود بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش.
6. قان تولۇق ئېلىنمىغان، بارماقنى سىقىپ قان ئېلىش قاتارلىقلار قان شېكىرى نەتىجىسىنىڭ خاتالىق پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.