ساغلاملىق بىلىملىرى

گۈل چاي ئىچىشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گۈل چاينىڭمۇ دورىلىق خۇسۇسىيىتى بار، ئىچىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا بەدەنگە زىيانلىق. كۆپ خىل گۈل چايلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچكەندە بىرىنچىدىن، ئۈنۈمىنىڭ ئۆزئارا تەسىر قىلىپ تۈگەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئىككىنچىدىن، ئۈنۈمىنىڭ بەك كۈچلۈك بولۇپ كېتىپ، تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئەگەر ماس ھالدىكى ئىستېمال قىلىنمىسا ئۈنۈمى ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ.

گەرچە كۆپ ساندىكى گۈل چايلارنىڭ قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، جىگەرنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش رولى بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاش بولمىغان گۈل چايلارنىڭ رولى ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن: ئەتىرگۈل، زاراڭزا چېيىنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش رولى بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار ئىچسە بولمايدۇ؛ ئۇچقات، ياۋا جۇخارگۈل چېيى سوغۇق بولۇپ، تال، ئاشقازىنى زەئىپلىشىپ، سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەر ئىچسە بولمايدۇ.

040411563922400010953625

گۈل چاي ئىچىشكە ماس كېلىدىغان ۋە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر بار، شۇڭا گۈل چاينى ئەڭ ياخشىسى جۇڭيى دوختۇرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىچىش كېرەك. مەسىلەن، ئىسسىق مىزاجلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا تەبىئىتى سوغۇق بولغان گۈل چايلىرىنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك؛ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تەبىئىتى مۆتىدىل بولغان گۈل چايلىرىنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك. تەبىئىتى مۆتىدىل بولغان گۈل چاينى كۆپ ساندىكى كىشىلەر تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. تەبىئىتى سوغۇق گۈل چايلىرىدىن ئاساسلىقى ئۇچقات، جۇخار گۈلى، تۇخۇمەك گۈلى قاتارلىقلار بار، تەبىئىتى مۆتىدىل گۈل چايلىرىدىن ئاساسلىقى مېيخۇا گۈلى، يەسىمەن گۈلى، ئەتىرگۈل قاتارلىقلار بار.

040411591055100010953625

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەزى كىشىلەر بىر ئىستاكان چايغا بەش-ئالتە خىل گۈل چېيى سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلىش ئىلمىي ئەمەس. گۈل چاينى قانچە كۆپ ماسلاشتۇرسا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەنگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا گۈل چاينى ئىچىشتىن بۇرۇن چوقۇم جۇڭيى دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سوراش، گۈل چاينىڭ ئۈنۈمى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۈشىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، گۈل چاينى ئىچىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دەملەش، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان گۈل چاينى ئىچمەسلىك كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى