
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 300 مىليون ئادەم زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ ھەر ئالتە ئادەمنىڭ بىرى بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانغا باراۋەر ئىكەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىمۇ بۇنداق ئەھۋاللارنى چوقۇم كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب گۈل چېڭى بولۇپ، ھەر پەسىلدە ئوخشاش بولمىغان گۈل چېڭى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەتىياز پەسىلدە ھەر خىل گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، ھاۋانى ھەر خىل گۈل چېڭى قاپلاپ كېتىدۇ. گۈل چېڭىدىن باشقا ھايۋانلارنىڭ تۈكلىرى، زەمبۇرۇغ، باكتېرىيە، توزانسىمان سالجا قاتارلىقلارمۇ رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇرۇن ياللۇغى زۇكامغا ئوخشىمايدۇ، زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا زىققا قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ :
1. ئۆي ئىچىگە ھاۋا سۈزگۈچ ياكى كانا يوقىتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش.
2. يۇڭلۇق تىۋىت بۇيۇملارنى ئىشلىتىشنى ئازايتىش كېرەك.
3. سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش، كۆزئەينەك تاقاش، گۈل چېڭى، توزانسىمان سالجا، ئەرمەك ھايۋانلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
4. ئۆي ئىچى نەملىكنى ساقلاش، ھەر كۈنى ھاۋا نەملىگۈچنى 2-3 سائەت ئېچىپ قويۇش كېرەك.
5. كىيىمنى پات – پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، يوتقاننى پات – پات ئاپتاپقا سېلىش كېرەك.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا(0 باھا بار )
- 2020: قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ(0 باھا بار )
- 2020: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟(0 باھا بار )
- 2020: ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش(0 باھا بار )