بىلىۋىلىڭ

قارا شېكەر، قىزىل شېكەر ۋە قوڭۇر شېكەرنىڭ پەرقى نېمە؟

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

040412325239300010953625

قىزىل شېكەر (红糖)

قىزىل شېكەر شېكەر قومۇشىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقارغاندىن كېيىن، فىزىكىلىق سۈزۈلدۈرۈش ياكى ئاددىي ھاك بىلەن سۈزۈلدۈرۈش ئارقىلىق بىۋاسىتە قاينىتىپ ياسالغان شېكەرنى كۆرسىتىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا باشقا خىمىيەلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ياردەمچى دورىسى ياكى يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئارتۇق قوشۇش ھاجەتسىز، چۈنكى شىرنىسى ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان (شىرنە بۆلۈپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىنكى شېكەر مەلھىمى ئىچىدىكى شېكەر شىرنىسى ۋە شېكەرنىڭ كىرىستالىنى ئايرىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ) ، شېكەر قومۇشىنىڭ ئەسلىدىكى تەمى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بىر قەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالغان.

040412230649000010953625

قوڭۇر شېكەر (赤砂糖)

قوڭۇر شېكەر شېكەر قومۇشى سانائەتلەشتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىلىپ ئاق شېكەر ياسالغاندىن كېيىنكى بىر دەرىجە تۆۋەن مەھسۇلات بولۇپ، تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى، سىرتقى كۆرۈنۈشى قىزىل شېكەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. قوڭۇر شېكەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا خىمىيەلىك پىششىقلاشقا ياردەم بەرگۈچى دورىلار (مەسىلەن: ھاك، گۈڭگۈرت دىيوكسىد، فوسفات كىسلاتاسى قاتارلىقلار)نى ئىشلەتكەن بولغاچقا قىسمەن ئوزۇقلۇقلار يوقاپ كېتىدۇ ھەمدە ئاز مىقداردا قالدۇقى قالىدۇ، شۇڭا ئوزۇقلۇق ۋە تەم جەھەتتە قىزىل شېكەرگە قارىغاندا سەل ناچارراق بولىدۇ.

040412315748600010953625

قارا شېكەر (黑糖)

قارا شېكەرنىڭ ياساش ھۈنەر-سەنئىتى، ئوزۇقلۇق قىممىتى قىزىل شېكەرگە ئوخشايدۇ. قارا شېكەرنىڭ رەڭگى قىزىل شېكەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قېنىق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنى قاينىتىش جەريانىدا قازان تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىلگەن ۋە شېكەر پىشۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتقان بولۇپ، مېيراد رېئاكسىيەسىنىڭ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىش دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، كوكس پۇرىقى بار بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاكرىلامىد تەركىبىنىڭمۇ مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى