ساغلاملىق بىلىملىرى

ئاشقازانغا زىيانلىق 10 ناچار ئادەت

ئاشقازانغا زىيانلىق 10 ناچار ئادەت
ئاشقازان بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى، بىراق ئۇ ناھايىتى ئاسان زەخمىلىنىدۇ، تۆۋەندە بىز ئاشقازانغا ئەڭ زىيانلىق 10 خىل ئادەتنى كۆرۈپ باقايلى.
1. بىر تەرەپتىن بىر نەرسە يەپ بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىش: بىر تەرەپتىن تاماق يەپ بىر تەرەپتىن گەپ قىلغاندا ياكى تاماقنى يالماپ يۇتقاندا، ھەممىسى كاناي ئاستىدىكى گاز جىسىمغا ئايلىنىپ كېتىپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، تاماقنى تېز يەيمەن دەپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىدىنى كۆيدۈرۈۋالىدۇ.
2. تەمى بەك ئېشىپ كەتكەن يىمەكلىكنى يېيىش: قاقلاپ پىشۇرۇلغان ياكى تۇزلۇق سۇغا چىلاپ تەييارلانغان يېمەكلىكلەر ناھايىتى يېيىشلىك بولسىمۇ، بىراق داۋاملىق ئىستىمال قىلسا كېسەللىك خەۋپ خەتىرى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى يېگەندە قان بىسىمى ئۆرلەپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەكللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش قەۋىتىنى زەخمىگە ئۇچىرىتىدۇ.

3.مېۋە يېيىشتە دىققەت قىلماسلىق: ئەبنۇس، دولانا ۋە چىلان قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ مېۋە ئېتى ئاشقازاندا يىلىم ماددىسى پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا ئاشقازان تېشىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئاچ قورساق ئەبنۇس ۋە دولانا يېمەسلىكى كېرەك.

4. يۇقىرى گىرادوسلۇق ھاراق ئىچىش: ھەر سائەتتە 100mlدىن ئارتۇق ئىسپىرت تەركىبى 20 گىرادۇستىن يۇقىرى ھاراق ئىچكەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش قەۋىتىنى زەخمىگە ئۇچىراپ، ئاشقازان قاناش، ئاشقازان سۇلۇق ئىششىقى، ئاشقازان شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ھاراق ئىچكەندە يۇقىرى گىرادوسلۇق ھاراقنى ئامال بار ئىچمەسلىك كېرەك.
5. تاماكا چېكىش: تاماكا چەككەندە نىكوتىن بىۋاستە ئۆپكىگە كىرىدۇ، بىراق نۇرغۇن كىشى تاماكا ئىسىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمىسى ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش قەۋىتىنى زەخمىگە ئۇچىرىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەندە شىللىق پەردە ئاستى قان تومۇر قىسقىرىشىنى، ئاشقازان شىللىق پەردىسىدە كام قانلىقنى، ئوكسىگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاخىرىدا ئاشقازان راكى پەيدا قىلىدۇ.

6. دورىلارنىڭ غىدىقلىشى: نۇرغۇن كىشىلەر دورا ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئاشقازىنىنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى دەل دورىلارنىڭ ئاشقازاننى غىدىقلىشى، بولۇپمۇ ئاسپىرىن ۋە برۇفېن قاتارلىق دورىلارنىڭ ئاشقازاننى غىدىقلاش كۈچى يۇقىرى.
7. يېمەكلىك تازلىقىغا دىققەت قىلماسلىق: قاينىتىلمىغان سوغۇق سۇ ئىچىش، خام كۆكتات ۋە تولۇق پىشمىغان تاماقلارنى يېيىش ئاستا ئاستا ئاشقازان كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. پاكىز يۇيۇلمىغان مېۋىلەرنى يېيىش ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، ئۇ ئاستا ئاستا ئۈچەي ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.
8. ۋاقتىدا تاماق يېمەسلىك: ئۇيقۇ ۋە تاماقنى ئۇنتۇش ھازىر كىشىلەر ئارىسىدا بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، ئۇلار بىر ۋاخ تويغۇدەك تاماق يەپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، بىراق بۇ ئادەت ئاشقازانغا زىيانلىق، شۇڭا تاماقنى ۋاقتىدا ئۆلچەملىك يېيىش كېرەك.

9. تويغۇچە يېيىش: ھازىرقى كىشلەر سەھەردە ئالدىراپلا تاماق يېمەيدۇ، چۈشتە ئاددىيلا تاماق يەيدۇ، كەچتە بولسا تويغۇچە يەيدۇ، بىراق ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بۇنداق كۆپ تاماق يېيىش ئاشقازاننىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. تاماقنى كۆپ يېگەندە ئاشقازان كېڭىيىپ كېتىدۇ، قانچە كۆپ تاماق يېسىمۇ تويمىغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، بارا بارا ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
10. قەھۋە ۋە قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىش: قەھۋە ئىچىش ھازىر مودىغا ئايلاندى، ھەتتا چاي بىلەن قەھۋە ئىچكەندە روھنى ئۇرغۇتقىنى بولىدىغانلىقى ھەممە ئادەم تونۇپ يەتتى، بىراق قەھۋە ۋە قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىش كەيپىياتنى كۆتۈرگەن بىلەن ئاشقازانغا زىيانلىق. قەھۋە ۋە قېنىق دەملەنگەن چاينى كۆپ ئىچكەندە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش قەۋىتى ئاسانلا زەخمىگە ئۇچىراپ، ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى پەيدا قىلىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى