بالىلار ساغلاملىقى

ۋىتامىن D بالىلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرەلەمدۇ؟ ۋىتامىن Dغا مۇناسىۋەتلىك بەش بىلىم

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

040501030446000000015581

ۋىتامىن D ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بوۋاقلار ۋە بالىلار ئىنتايىن ئۈچۈن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. تۆۋەندە بىز بەش نۇقتا ئارقىلىق ۋىتامىن Dنىڭ رولىنى چۈشىنىمىز.

1. نېمە ئۈچۈن ۋىتامىن D تولۇقلاش كېرەك؟

ۋىتامىن D ئۈچەينىڭ كالتسىي سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىتامىن D يەنە بۆرەك ئەگرى نەيچىسىنىڭ كالتسىينى قايتا سۈمۈرۈشىنى ئاشۇرۇپ، سۈيدۈكتىكى كالتسىينىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئازايتىدۇ. كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ سۆڭەك ئاساسىي ماددىسىغا چۆكۈش جەريانى مەلۇم دەرىجىدە ۋىتامىن Dنىڭ تەڭشىشىگە ئۇچرايدۇ.

تەركىبىدە ۋىتامىن D بولغان يېمەكلىكلەر ناھايىتى ئاز بولۇپ، ۋىتامىن D تولۇقلاش تەس. دائىم ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەر ئىچىدە، مايلىق بېلىق جىگىرى ۋە تۇخۇم تۈرىدىكىلەردىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن D يوق دېيەرلىك. ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋىتامىن Dنىڭ كېلىش مەنبەسى بولسا تېرىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئارقىلىق سىنتېزلىشى ۋە ۋىتامىن D قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت.

ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋىتامىن Dنىڭ سىنتېزلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، لېكىن ئاسانلا تېرىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىتامىن Dنىڭ تېرىدىكى سىنتېزلاش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يۈز ۋە قولنى قۇياش نۇرى ئاستىدا ئون مىنۇت ئەتراپىدا ئاپتاپقا قاقلاپ تۇرسا، ۋىتامىن Dنىڭ مىقدارى 200UIغا يېتىدۇ. ئەمما ئاپتاپقا ئ‍ۇزۇن قاقلىنىش تېرىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئامېرىكا راك كېسەللىكى جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا تەخمىنەن %2 تېرە ئۆسمىسى كۈن نۇرىنىڭ زىيادە كۆپ چۈشۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان پەسىللەردە، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. كونكرېت ئاپتاپقا قانچە ئۇزۇن قاقلانسا، قانچىلىك دائىرە بىلەن يېتەرلىك ۋىتامىن D تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭغا توغرا جاۋاب بېرىش تەس. شۇڭا ئاپتاپقا قاقلىنىش ياكى قاقلىماسلىق ھەقىقەتەن بىر مەسىلە. شۇڭلاشقا سىرتتىن ۋىتامىن D تولۇقلاش ئ‍ەڭ ئاقىلانە تاللاشنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

040501035676900000015581

2. ۋىتامىن Dنى قانچىلىك تولۇقلاش كېرەك؟ قانچىلىك ۋاقىتتا تولۇقلىنىدۇ؟

ئادەم بەدىنى يېتەرلىك ۋىتامىن Dغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، يېتەرلىك ۋىتامىن D سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ. كۈندىلىك ۋىتامىن Dنىڭ تەۋسىيە قىلىنغان قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىر ياش ئىچىدىكى بالىلار 400UI، بىر ياشتىن يۇقىرى بالىلار ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر ھەمدە 70 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتكەنلەر 600UI، ئ‍ۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەر يۇقىرى قۇرامىغا يەتكەنلەر 800UI بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن قېرىغىچە تولۇقلىسا بولىدۇ. ئەگەر ئاپتاپقا قاقلىنىش يېتەرلىك بولمىسا، تېرە يېتەرلىك ۋىتامىن D سىنتېزلىيالمايدۇ، شۇڭا ۋىتامىن D تولۇقلاش دورىسى يېيىش كېرەك.

040501034825200000015581

3. ۋىتامىن Dنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولامدۇ؟

بولمايدۇ. ۋىتامىن D مۇۋاپىق مىقداردا بولسىلا بولىدۇ، زىيادە كۆپ تولۇقلاش بالىلارنىڭ بويىنى ئۆستۈرەلمەيدۇ. نۆۋەتتە ۋىتامىن Dنىڭ ئ‍ۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق. ۋىتامىن Dنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا بالىلارنىڭ سۆڭىكى كالتسىيلىشىپ، بويىنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. قۇرامىغا يەتكەنلەر ۋىتامىن D تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىقمۇ؟

گەرچە ھازىر ئىسپات يېتەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەردە ۋىتامىن Dنىڭ مىقدارى 20ng/mLدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ،شۇڭلاشقا كىشىلەر ۋىتامىن Dنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقتەك خەۋپى يۇقىرى ئامىللارنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خەتەرلىك ئامىللار ياشانغانلار، قېنىق رەڭلىك تېرىلەر، سېمىزلەر، كۈن نۇرى يېتىشمەيدىغانلار، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى بارلار، ئۇزۇن مۇددەت ئاستا خاراكتېرلىك ئۈچەي يولى كېسىلى بارلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5. قانداق تولۇقلاش كېرەك؟ زىيادە تولۇقلاشنىڭ قانداق خەتەرلىرى بار؟

تولۇقلاش ئۇسۇلى يەنىلا دورا ئىچىشنى ئاساس قىلىدۇ، مۇسكۇلغا ئوكۇل سالغاندا ۋىتامىن Dنىڭ مىقدارى بەك تېز ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولايسىز.

توققۇز ياشتىن يۇقىرى بالىلار ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەر بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ۋىتامىن Dنىڭ قوبۇل قىلىدىغان ئەڭ كۆپ مىقدارى ھەر كۈنى 4000UIدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ۋىتامىن Dنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا تولۇقلىسا، يوشۇرۇن خەۋپ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى