ساغلاملىق بىلىملىرى

قان تومۇرلارنى يۇمشىتىشتىكى ھەقىقىي ئىشەنچىلىك بەش خىل ئۇسۇل

  1. بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

0405134537511000000000000153

قان تومۇر قېتىشىشنىڭ زىيىنى چوڭ، نۇرغۇن كىشىلەر بەزى كىچىك رېتسېپلارنىڭ قان تومۇرنى يۇمشىتىشىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ، مەسىلەن، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قىزىل ھاراق ئىچىش، ھەر كۈنى ئازراق ئاچچىقسۇ ئىچىش، كۈندە ئازراق قېرىنقۇلاق، قارا پۇرچاق، پىياز يېيىش …..ئۇنداقتا بۇ رېتسېپلار راستتىنلا كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بولۇپ، يېمەك ـ ئىچمەك ساغلاملىق پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن، ئادەتتە ئىستېمال قىلغاندا مەسىلە يوق، يەنە ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ، بىراق قان تومۇرنى يۇمشىتىش ئۈنۈمى بارمۇ ـ يوق، نۆۋەتتە ئىلمىي ئاساسى يوق. ئەگەر پەقەت يېمەك ـ ئىچمەك ئارقىلىق قان تومۇرنى يۇمشىتىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە داۋالىشىغا ماسلىشىشنى رەت قىلسا، قاندىكى ماينىڭ قالايمىقانلىشىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، بۇنداق قىلىش ناھايىتى خەتەرلىك!

0405134558302000000000000153

قان تومۇرنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن قان تومۇردىكى توسۇلۇش ھاسىل قىلىدىغان تەركىبلەرنى مۇۋاپىق ئازايتىش، يەنى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن قان تومۇر ئىچكى پەردىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش، يەنى يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى، تاماكا چېكىش قاتارلىق قان تومۇر ئىچكى پەردىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ئېھتىمالى بولغان ئامىللارنى قەتئىي كونترول قىلىش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ بەش ئىشنى ياخشى قىلغاندا، قان تومۇرلارنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى كېچىكتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ!

1. يولنى كۆپرەك مېڭىڭ

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پىيادە مېڭىشنى بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرغاندا، دەسلەپكى قان تومۇر قېتىشىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن. پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا خولېستېرىننى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىيادە مېڭىش يەنە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى ياخشىلاشقا ئىنتايىن پايدىلىق.

2. يېمەكلىككە دىققەت قىلىڭ

ياغ تەركىبى، تۇز تەركىبى، خولېستېرىن مىقدارى تۆۋەن يېمەك ـ ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش، تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە سېللۇلوزا بىر قەدەر مول بولغان مېۋە ـ چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ، ھاراق ـ تاماكىنى تاشلاشقا تىرىشىڭ. ھەر ۋاق تاماقنى بەك تويۇپ يېمەسلىككە دىققەت قىلىڭ، بەك تويۇپ كەتسىڭىز يۈرەككە قان يېتىشمەيدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىپ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. تۈنىمەڭ، ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىڭ

تۈنەش بىيولوگىيەلىك سائەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئورگانىزملار زىيادە كۆپ ئادرېنالىن ۋە نورېپنفرىننى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، قان ئېقىشىنى ئاستىلىتىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشى ۋە توسۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ.

4. كەيپىياتىڭىزنى خۇشال تۇتۇڭ

كەيپىيات خۇشال بولغان ئەھۋالدا، ئادەمنىڭ قان بېسىمىمۇ بىر قەدەر مۇقىم بولىدۇ، مۇقىم قان بېسىمىنىڭ قان تومۇرغا بولغان زەربىسىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر بىمارلىرىغا ئىنتايىن پايدىلىق.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى